
ھازىر، ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى داۋاملاشماقتا. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي خەلقئارا ئايروپورتى، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ رىياد ئايروپورتى قاتارلىق ئايروپورتلار ھەربىي زەربىنىڭ تەسىرىدە ۋاقىتلىق تاقىلىش ياكى ئارىلاپ توختاش ئەھۋالى پات ـ پات يۈز بېرىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو پۇقرالىرىغا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئىران ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەربىي توقۇنۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەت ۋە رايونلارغا ۋاقتىنچە بارماسلىقنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دۆلەت ۋە رايونلاردىكى جۇڭگو پۇقرالىرى بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەربىي ئەسلىھەلەر بار، نامايىش، يىغىلىش بولۇۋاتقان سەزگۈر رايونلارغا بېرىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئەگەر جىددىي ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز، ۋاقتىدا ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ ھەمدە جۇڭگونىڭ شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ياردەم تەلەپ قىلىڭ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ