
3-ئاينىڭ 7-كۈنى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئوبزورچىسى بەي يەنسۇڭ «مۇھەببەت سۆيەر» جەمئىيەت بەرپا قىلىش توغرىسىدا توختالدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىرقى ياشلاردا ئۆگىنىش ۋە خىزمەت بېسىمى سەۋەبىدىن، بىر خىل تەشۋىش ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. نۇرغۇن ياشلاردا مۇھەببەت ئارزۇسى يوق، مۇھەببەتكە ۋاقتى يوق، مۇھەببەتنىڭ نەتىجىسى يوق بولۇشتەك «مۇھەببەت دەرمانسىز قېلىش» ھالىتى مەۋجۇت.
ئارقىدىن، «بەي يەنسۇڭ نۇرغۇن ياشلارنىڭ مۇھەببەتكە ۋاقتى يوق، دېدى» دېگەن گەپ قىزىق نۇقتىغا چىقىپ، قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى. نۇرغۇن تورداشلار بۇنىڭغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى:
«پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى ئازادە بولغاندىلا، ھېسسىياتقا ئىنتىلىدىغان مەنىۋى ۋە ماددىي ئاساسقا ئىگە بولالايدۇ.»
«ھەر كۈنى جاپالىق ئىشلەپ بەك چارچاپ كېتىمىز، شۇنچە جاپا تارتىپ، ھېرىپ-ئېچىپ ئىشتىن چۈشكەندە ۋە دەم ئالغان كۈنلەردە ياخشى ئارام ئېلىشنىلا ئويلايمىز، ئۆزىمىزنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالساقلا بولدى، باشقىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ۋاقتىمىز، زېھنىمىز، پۇلىمىز يوق.»
«بۇ يىل ئاتا-ئانام يېنىمغا بايرام ئۆتكۈزگىلى كەلدى، ئۇلارغا ھەمراھ بولىدىغان ۋاقتىممۇ چىقمىدى، ئىزچىل خىزمەت قىلدىم، ھارپا كېچىسىدىكى تاماقنىمۇ ئادەتتىكىگە ئوخشاش يېدىم، شۇنچىلىك خىجىلچىلىق، دەرمانسىز ھېس قىلدىم.»
بەي يەنسۇڭ مۇنداق دېدى: بالا بېقىش ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىش توغرىسىدا بەزىلەر ناھايىتى ئوبرازلىق بىر جۈملە سۆز بىلەن تەمسىل قىلىپ «بالا تۇغۇلۇشى بىلەنلا ئوزۇق-تۈلۈكى، مائاشىنى ئۆزى ئېلىپ كېلىدىغان بولدى» دېيىشتى. يەنە بەزى پۇقرالار «سۈت پاراشوك پۇلىغىمۇ ھۆكۈمەت ئىگە بولىدىغان بولدى» دېيىشتى. ئەمەلىيەتتە سۈت پاراشوك پۇلىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى ھەقسىز بولۇش، يەسلىلەرنى تېز سۈرئەتتە قۇرۇش، بالا تەربىيەلەشتە باجنى كەچۈرۈم قىلىش سوممىسى قاتارلىقلارغىمۇ ئىگە بولىدىغان بولدى.
بىز ھازىر ئاتا-ئانىلار تۇغۇشقا مەسئۇل بولىدىغان، ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت بېقىشقا ياردەم قىلىدىغان بىر خىل تۇغۇت سۆيەر جەمئىيەتكە قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن مېڭىۋاتىمىز.
بىز بىر تەرەپتىن تۇغۇت سۆيەر جەمئىيەت بەرپا قىلىشىمىز، يەنە بىر تەرەپتىن مۇھەببەت سۆيەر جەمئىيەت بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.
پۈتكۈل جەمئىيىتىمىز ئائىلىدىن مەكتەپكىچە، ھەر جەھەتتىن بىر خىل مۇھەببەت كەيپىياتى، مۇھەببەت مۇھىتىغا ئىگە بولغان، مۇھەببەت پۇرسىتى يارىتىدىغان، مۇھەببەتنىڭ نەتىجىسىدىن بەھرىمەن بولىدىغان مۇھەببەت سۆيەر جەمئىيەتكە قەدەم قويۇۋاتىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ