
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قانۇنى تۈزۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدىكەن. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، داۋالىنىش كاپالىتى قانۇنى، ھاۋالىلىك تەربىيەلەش مۇلازىمىتى قانۇنى، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش قانۇنى، خۇاچياۋلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى، دۆلەت ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش خادىملىرى قانۇنى، سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇن قۇرۇلۇشى قانۇنىنى تۈزىدىكەن، ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى، يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ