
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسى تەپتىشلىكى قانۇنى تۈزىدىكەن، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى، تۈرمە قانۇنى، دېڭىز ئىشلىرى دەۋاسى ئالاھىدە تەرتىپ قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزىدىكەن. دۆلەتنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشقا دائىر قانۇن چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، چېگرا ھالقىغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىدىكەن. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشنى چۆرىدەپ، جەنۇبىي قۇتۇپ پائالىيىتى ۋە مۇھىت ئاسراش قانۇنىنى تۈزىدىكەن، سۇ قانۇنى، ھاسىلىي ئېنېرگىيە قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزىدىكەن. سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق ساھەلەردە قانۇن چىقىرىش تەتقىقاتىنى كۈچەيتىدىكەن. زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھوقۇق بېرىش قارارى ياكى ئىسلاھات قارارىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا چىقىرىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ