ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى: يۈز بەرگىنىگە 20 يىلدىن ئاشقان قاتىللىق دېلوسىدىكى 380 قاتىلنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ سۈرۈشتۈردۇق

2026.03.10 17:05 مەنبە: خەلق تورى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2025-يىلى تەپتىش ئورگانلىرى ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتى سادىر قىلغانلارنى قاتتىق جازالاپ، قەستەن قاتىللىق قىلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش، تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرگە چېتىشلىق 54 مىڭ ئادەمنى ئەيىبلىگەن. قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش» بىلەن «مۇھاپىزەت كۈنلۈكىگە زەربە بېرىش-مۇناسىۋەت تورىنى يوقىتىش»نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارىدىن 9870 ئادەم، «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولغان 65 ئادەمنى ئەيىبلىگەن. ئادەم ئالداپ سېتىش، قورال، پارتلاتقۇچ بۇيۇملارغا چېتىلىش، زەھەر ياساش-سېتىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرنى قاتتىق جازالاپ، 39 مىڭ 900 ئادەمنى ئەيىبلىگەن. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يۈز بەرگىنىگە 20 يىلدىن ئاشقان قاتىللىق دېلوسىدىكى 380 قاتىلنى قانۇن بويىچە تەستىقلاپ سۈرۈشتۈرۈپ، جىنايەتچىلەرنى قانۇن تورىدىن چۈشۈرۈپ قويمىغان. مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىش توغرىسىدىكى پىكرنى سىجىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەتەرلىك ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايىتى سادىر قىلغان 255 مىڭ ئادەمگە چېتىشلىق دېلونى قوبۇل قىلىپ، تەكشۈرۈپ، ئەيىبلەپ، 230 مىڭ 400 ئادەمنى ئەيىبلىگەن، دېلو سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %21.5 ۋە %16.5 تۆۋەنلىگەن، مەملىكەت بويىچە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەشكە چېتىشلىق قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.8 تۆۋەنلەپ، مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەشنى تۈزەش ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەنگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ