شى جىنپىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش خاس ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2026.03.09 15:31 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر مېي چاڭۋېي) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئەڭگۈشتەردە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش خاس ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا، سۈن لېي، جوۋ فېن، تاڭ ۋۇشياڭ، خاۋ جىڭۋېن، جياڭ شياۋدۇڭ، جۇ يۆمېڭ قاتارلىق ئالتە ۋەكىل ئىلگىرى - كېيىن سۆز قىلىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئارمىيە - يەرلىك ھالقىغان قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقى، پارتىيە تەشكىلاتى پەن تەتقىقاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش، جۈنشى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، يېڭى جابدۇق، يېڭى كۈچ ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە قوللىنىش، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، تىپلارنى يېتىشتۈرۈش، تۇرغۇزۇش، تەشۋىق قىلىش ۋە تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش، قوللىنىش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلق ئارمىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىپ مىسلىسىز ئىرادە ۋە سالماق بىلەن سىياسىي جەھەتتىن رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئارمىيە قورال تۇتىدۇ، ئارمىيەدە پارتىيەگە ساداقەتسىزلىك قىلىدىغانلار بولسا ھەرگىز بولمايدۇ، چىرىك ئۇنسۇرلارغا يوشۇرۇنىدىغان جاي قالدۇرۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ، جەزمەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش كېرەك. «15 - بەش يىل» باشلىنىشى بىلەنلا قاتتىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش چىڭ قائىدىسىنى تۇرغۇزۇپ، مەبلەغ يۆنىلىشى، ھوقۇق يۈرگۈزۈش ۋە سۈپەتنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلما نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە قۇرۇلۇش قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەربىي خىراجەت خامچوتىنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەربىي خىراجەتتىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، خىراجەت ئىشلىتىشنى پۈتۈن زەنجىرلىك باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ۋە ئۈنۈمىنى باھالاشنى كۈچەيتىپ، ھەربىر پۇڭ پۇلنىمۇ دەل جايىغا ئىشلىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشتا، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك قىلىشى ۋە ئالغا سىلجىتىشىغا تايىنىدۇ. ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يۇقىرى قاتلام پارتىيە كومىتېتى بەنزىلىرىنى دەل جايىدا تاللاپ، كۈچلۈك سەپلەپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشنى ئۆز ئالدىغا تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. پارتىيە ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرۇش، پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش، پارتىيە ساھەلەرنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مۇھىم ۋەزىپىلەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، گەۋدىلىك زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەريانىدا ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىنقىلابىيلاشقان، كەسىپلەشكەن ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاپ، زامانىۋى قورال - جابدۇقلارنىڭ ئىنقىلابىيلاشقان ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنىڭ قولىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تۈزۈم ۋە شارائىتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلەشمە جەڭگە قوماندانلىق قىلىش، يېڭى تىپتىكى ئۇرۇش قىلىش كۈچلىرى، يۇقىرى قاتلاملىق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇشتىن ئىبارەت «تۆت خىل ئىختىساسلىقلار»نى يېتىشتۈرۈشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، ئادەمنىڭ ئىقتىدارى، ساپاسىنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئەمەلىيىتى بىلەن ماس تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەمىز ۋە ئارمىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە زور كۈچ بىلەن ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىلغار تىپلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قىزىل گېننى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى كەيپىيات، توغرا ئىستىلنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرىدىغان مۇنبەت تۇپراق قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتى ۋە پايدىلىق ئۇسۇللىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، نېگىزلىك رول ئوينايدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق بولغان، زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇشقا دائىر خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قىسىم قۇرۇلۇشى ۋە جەڭگىۋارلىق ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاش كېرەك.

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ شېڭمىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ