نى دى: جۇڭگونىڭ دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ دېڭىز تىرانسپورت پاراخوت ئەترىتى، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ دۇنيا دەرىجىلىك پورت توپى بار

2026.03.09 15:39 مەنبە: خەلق تورى

3-ئاينىڭ 9-كۈنى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ 2-مەيدان «ۋەكىللەر يولى» خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو يىراق ئوكيان دېڭىز تىرانسپورت گۇرۇھىنىڭ ئالىي كاپىتانى نى دى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

نى دىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ دېڭىز تىرانسپورت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان 28 يىلدا، ئىلگىرى دۇنيادىكى 30 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا بارغان، ئومۇمىي مۇساپىسى يەرشارىنى 30 نەچچە قېتىم ئايلىنىپ چىققانغا باراۋەر كېلىدۇ، ئۇ جۇڭگونىڭ دېڭىز تىرانسپورت كەسپىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە ھەقىقىي گۇۋاھ بولغان.

نى دى مۇنداق تونۇشتۇردى: «جۇڭگو دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ دېڭىز تىرانسپورت پاراخوت ئەترىتى، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ دۇنيا دەرىجىلىك پورت توپىغا ئىگە، خەلقئارا دېڭىز تىرانسپورت مىقدارى دۇنيانىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. پېرۇغا جايلاشقان چيەنكەي پورتى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شاڭخەي بىلەن چيەنكەي پورتى ئارىلىقىدا «قوش يۆنىلىشلىك قاتناش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى، شاڭخەي پورتىنىڭ كونتېينېر يىللىق كىرگۈزۈش-چىقىرىش مىقدارى ئۇدا 61 يىل دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى. قاتناشقۇچى ۋە گۇۋاھچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن.»

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ