
14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى بۈگۈن خەلق تۇرمۇشى تېمىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى. دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى يىغىندا مۇنداق بىلدۈردى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بولمىسا، بۇ دۇنيا ۋەزىيىتى تېخىمۇ ناچارلىشىپ كېتىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن ئايرىلىپ ئۆز ئالدىغا ئىش تۇتۇش، ھەتتا ھەر خىل كىچىك گۇرۇھلارنى قۇراشتۇرۇش كىشىلەر مايىللىقىغا ئېرىشەلمەيدۇ، شۇنداقلا ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولمايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ