
3-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەھكىمە باشلىقى جاڭ جۈن ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خەلق سوت مەھكىمىلىرى 2025-يىلى ئاممىۋى بخەتەرلىكنى كۈچلۈك قوغدىغان. قەستەن قاتىللىق قىلىش قاتارلىق ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتى دېلوسىدىن 46 مىڭنى، دېلوغا چېتىشلىق 53 مىڭ ئادەمنى سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرغان، دېلو سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.3 ئازايغان. تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى جىنايىتى دېلوسىدىن 41 مىڭنى، دېلوغا چېتىشلىق 85 مىڭ ئادەمنى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرغان، دېلو سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.2 ئاشقان.
بېرمىنىڭ شىمالىدىكى «تۆت چوڭ جەمەت» جىنايەت گۇرۇھىدىكى 16 باش جىنايەتچىگە قانۇن بويىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، دەرھال ئىجرا قىلىندى، رايون سىرتىدا پۇقرالىرىمىزغا زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتى قانۇن بويىچە جەزمەن جازالىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ