قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى يۇقىرى بولۇش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى

2026.03.09 15:37 مەنبە: خەلق تورى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خەلق سوت مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتىگە قىلچە يول قويمىغان، 2025-يىلى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش جىنايەت دېلوسىدىن 40 مىڭنى، دېلوغا چېتىشلىق 44 مىڭ ئادەمنى سوت قىلىپ چىقىپ ئاخىرلاشتۇرغان، دېلو سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.8 تۆۋەنلىگەن، 1199 ئادەمنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىلەن يېقىندىن ئۇچرىشىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى مەنئى قىلغان، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زىيانكەشلىك قىلغان، جىنايىتى ئىنتايىن ئېغىر جىنايەتچى ئۇنسۇرلارغا قانۇن بويىچە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، قىز ساۋاقدىشىنى ئۆلتۈرگەن 14 ياشلىق مەلۇم ئوقۇغۇچىغا قانۇن بويىچە مۇددەتسىز قاماق جازاسى، ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن 2356 قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە بەش يىلدىن يۇقىرى ئېغىر جازا، يېنىك جىنايەت ئۆتكۈزگەن 5822 قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قانۇن بويىچە كەڭچىلىك بىلەن جازا بەرگەن. ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئارقىلىق تەربىيەلەش، تەسىرلەندۈرۈش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى يۇقىرى بولۇش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ