دوكلاتقا يېزىلغىنى سىياسەت، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشكىنى كىشىلەرنىڭ خۇش چىرايى 

«ياشانغانلار بىلەن بالىلارنى تەڭ ھاۋالىلىك بېقىپ، بىر تەدبىر بىلەن ئىككى قىيىنچىلىقنى ھەل قىلدى» (باش شۇجىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى. ئەمەلىيلىشىش ئىنكاسى)

2026.03.09 15:36 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرىمىز سۈن خەيتيەن

بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، سىياسەت داۋاملىق كۈچ بەردى، «< ياشانغانلار، بالىلار > مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش» ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا كىرگۈزۈلدى.

بىر مەيدان گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى ئەمدىلا ئاخىرلىشىشى بىلەن، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى فۇجيەن ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، ئەزا رۇەن شىۋېي ياتىقىغا قايتىپ كېلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تەپسىلاتى بىلەن لىق تولغان خاتىرە دەپتەرنى يەنە ئاچتى.

ئادەتتە، رۇەن شىۋېينىڭ شىرەسى ھەمىشە ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن سادالار بىلەن توشۇپ كېتەتتى. بۇ يىل، ئۇنىڭ نەزەرى ئائىلىنىڭ ئىككى تەرىپى− «ياشانغانلار» ۋە «بالىلار»غا مەركەزلەشتى.

رۇەن شىۋېي مۇنداق دېدى: «ياشانغاندا كۈتۈنۈش بىلەن بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش ئەزەلدىن ئايرىم ئىككى ئىش ئەمەس» دېدى رۇەن شىۋېي.

ئۆتكەن بىر يىلدا، رۇەن شىۋېي شياڭنۇڭ مەھەللىسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاممىنىڭ ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان ئىشلىرىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى، شۇنداقلا يەرلىكنىڭ ئىزدىنىشىدىكى جانلىق ئەۋرىشكىلەرنى توپلىدى.

2025-يىلى، فۇجيەن ئۆلكىسى «ياشانغانلار، بالىلار» مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش كارىۋىتىدىن 5000نى يېڭىدىن كۆپەيتتى، گىرەلەشمە ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئاپپاراتىدىن 22 نى يېڭىدىن قۇردى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار ھاۋالىلىك بېقىش ئورنىدىن 56 مىڭنى يېڭىدىن كۆپەيتتى، ئون ناھىيە رايونىدا «ياشانغانلار، بالىلار» ئائىلە مۇلازىمىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇردى.

رۇەن شىۋېي چۈەنجوۋنىڭ جىنجياڭ شەھىرىدىكى بىر ياشانغانلارنى كۈتۈش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزىدە بالىلار رايونى تەسىس قىلىنغانلىقىنى، ياشانغانلارنىڭ خەتتاتلىقنى مەشىق قىلىۋاتقانلىقىنى، بالىلارنىڭ رەسىملىك كىتاب ئوقۇۋاتقانلىقىنى، ئەۋلاد ئاتلاپ بىلەن قول ھۈنەرۋەنچىلىك قىلىپ، بىللە ناخشا ئېيتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. كۆپ يىل يالغۇز تۇرغان بىر ياشانغان كىشى ئۇنىڭغا ھەر كۈنى بالىلارنىڭ كۈلكە ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ بەخت تۇيغۇسىغا چۆمگەنلىكىنى ئېيتتى. بالىلارمۇ بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىش جەريانىدا، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارغا كۆيۈنۈشنى ئۆگىنىۋالدى.

«شارائىتى يار بېرىدىغان جايلاردا، ياشانغانلارنى كۈتۈش بىلەن بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتىنى بىرلەشتۈرگىلى بولامدۇ؟ ياشانغانلار بىلەن بالىلارنى بىللە ھاۋالىلىك بېقىشتا، بىر تەدبىر بىلەن ئىككى قىيىنچىلىقنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.» بۇ كۆرۈنۈشلەر رۇەن شىۋېينى تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئەۋلادلار ئارا ھەمتۈرتكە بولۇش ئارقىلىق چوڭلار كىچىكلەرگە ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرغىلى، كىچىكلەر چوڭلارغا كۈلكە ئاتا قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

ئىلگىرى كىلىنىكىنىڭ بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلغان رۇەن شىۋېي دوختۇرلارغا خاس ئەستايىدىللىقىنى نامايان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، جەزمەن سىستېمىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك ئىكەن.

ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: دۆلەت قاتلىمىدىن مەخسۇس سىياسەت چىقىرىپ، تارماق ھالقىغان بىرلەشمە مېخانىزم ئورنىتىپ، «بىر كۆزنەكتە قوبۇل قىلىش، بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش»نى يولغا قويۇش؛ كەسپىي مەكتەپلەردە «ياشانغانلار ۋە بالىلارنى بىللە ھاۋالىلىك بېقىش» كەسپىنى تەسىس قىلىپ، نىشانلىق تەربىيەلەش ۋە مائاش ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

«مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ ئىللىقلىقى پۇقرالار ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان ئىشلارنى قەلبكە پۈكۈپ، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئىپادىلىنىدۇ.» بۇ خىل تەپەككۇرغا رۇەن شىۋېينىڭ كۆپ يىللىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش يولى سىڭدۈرۈلگەن.

«<ياشانغانلار، بالىلارنى بىللە ھاۋالىلىك بېقىش> ئەمەلىيىتى ئارقىلىق بايلىق تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرغىلى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئەۋلادلارغا ئىللىقلىقنى يەتكۈزگىلى بولىدۇ.» رۇەن شىۋېي مۇنداق دېدى: «بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن يېپىلغاندىن كېيىن، مەن <ياشانغانلار، بالىلار> مەسىلىسىگە داۋاملىق دىققەت قىلىپ، مەھەللىلەرنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەسئۇلىيىتىمنى پائال ئادا قىلىمەن.»

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ