
مۇخبىرىمىز پېي رەندى
«<ئومۇمىي مەنپەئەتدارى ھاۋالىلىك بېقىش ۋە ھاۋالىلىك تەربىيەلەش بىر گەۋدىلەشكەن مۇلازىمەتنى راۋاجلاندۇرۇش> بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا كىرگۈزۈلدى، ئۇنىڭغا بۇلتۇردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر بىر يىللىق ھەقسىز مائارىپى قوشۇلۇپ، بۇ ياخشى سىياسەتلەر يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى، ئاتا-ئانىلارنى ناھايىتى خاتىرجەم قىلدى» دېدى شەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھەرلىك 2-يەسلى ئوقۇتقۇچىسى، ۋەكىل بەي خۇا.
بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن ۋەكىللەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا، بەي خۇا ئومۇمىي مەنپەئەتدار يەسلىلەرنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ ئائىلىنى قولايلىقتىن بەھرىمەن قىلىشنىڭ كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تېما ئىكەنلىكىنى روشەن ھېس قىلدى.
«بالىلار ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، چۈشتىن كېيىن ئاز دېگەندە بىر سائەت سىرتتا پائالىيەت قىلىدۇ، كۈندىلىك ئوقۇتۇش، ئويۇن ۋە قىزىقىش پائالىيەتلىرىدىن باشقا، ھەربىر مەۋسۇمدا يەنە باش تېمىلىق ئوقۇتۇش پائالىيىتى بار. » بەي خۇا مۇنداق دېدى: بالىلارنىڭ خۇش چىرايىدىن مۇستەقىللىق، قىزىقىش، ئىزدىنىش ئىستىكىنىڭ تولۇق ئۇرغۇتۇلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئىلگىرىكى بىر مەيدان «كىنو كۆرەيلى» تېمىسىدىكى پائالىيەت بەي خۇانىڭ ھازىرقىدەكلا ئېسىدە ئىدى. ئۇ بىر سىنىپتىكى بالىلارنى بېلەت سېتىش گۇرۇپپىسى، ئارقا سەپ تەمىنات گۇرۇپپىسى، تەشۋىقات گۇرۇپپىسىغا ئايرىپ، كىنو بېلىتى ياسىدى، تەشۋىقات ئېلانى چاپلىدى، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك سېتىۋالدى، يەنە ياندىكى سىنىپنى كىنو كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى. پائالىيەت كۈنى، بالىلارنىڭ بەزىلىرى بېلەت ساتقۇچى بولدى، بەزىلىرى بېلەت تەكشۈردى، بەزىلىرى ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك ساتتى. ..ئوتتۇرىچە يېشى ئالتە ياشقا توشمايدىغان بىر توپ بالا بىر مەيدان تولۇق كىنو قويۇش ئىشىنى تاماملىدى. «بۇ ئىش ئاشۇ بىر توپ بالىلارنىڭ تا ھازىرغىچە ئېسىدە» دېدى بەي خۇا.
كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان 30 نەچچە يىلدا، بەي خۇا ئۆزىنىڭ ئەينى يىللاردىكىدەكلا بۇ خىزمەتنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. «خىزمەتكە يېڭى قاتناشقاندا، بەزىلەر يەسلى ئوقۇتقۇچىسى بالىلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك، بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا ياخشى كۆڭۈل بۆلسىلا بولىدۇ، دەپ قارايتتى. » لېكىن بەي خۇا ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپىنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر بىلەتتى، ئۇ ئۆگىنىش ئارقىلىق كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى، «يەسلى ئوقۇتقۇچىسى بالىلارنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، بالىلارنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى مۇھىم ئاساسىنى ياخشى سېلىشى كېرەك.»
«بەي مۇئەللىم»دىن «بەي ۋەكىل»گىچە، بەي خۇا بالىلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىپ بېرىشنى ئويلىدى. بۇ بىرنەچچە يىلدا، ئۇ دۆلەتنىڭ ھاۋالىلىك بېقىش-تەربىيەلەش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسكەنلىكىنى، يەرلىكنىڭمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئالاقىدار سىياسەتلەرنى چىقارغانلىقىنى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار يەسلىلەر سانىنىڭ تەدرىجىي كۆپەيگەنلىكىنى، يەسلى باشقۇرۇش شارائىتىنىڭمۇ ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغانلىقىنى كۆزەتتى، لېكىن بايلىق ئومۇمىي مىقدارى يېتەرلىك بولماسلىق، تارقىلىشى تەكشى بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى يەنىلا ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
بۇ ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىدا، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىن ئىلگىرىكى مەركەزلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەچكە، بەي خۇا يەسلىدە ئوقۇش باشلاش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغانىدى. بەي خۇا مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن يېپىلىپ، بېيجىڭدىن قايتىپ بارغاندىن كېيىن، دەرھال ئۆز خىزمىتىگە كىرىشىپ، ئوماق كىچىك دوستلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلمەكچى بولدى، «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەنمۇ تېخىمۇ كۆپ مەكتەپ، مەھەللىگە بېرىپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىن كەلگەن خۇش خەۋەر، ياخشى سىياسەت، خۇش سادالارنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئېلىپ بارىمەن.»
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ