
مۇخبىرىمىز دۇ شاڭزې، سۈن جېن
ۋاقتى: 3-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن
كۈنتەرتىپ: باش شۇجى شى جىنپىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېھقان-ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى، «3-سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى، تېببىي دورا-سەھىيە ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى
دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز، داۋالاش مۇلازىمەت دائىرىسىمۇ چوڭ، شىزاڭ داشۆسى تېببىي شۆيۈەنىدىكى ئەزا باساڭ جوما ئېگىزلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشقا نىسبەتەن ناھايىتى چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە. چىڭخەي-شىزاڭ تاشيولىدىن چىڭخەي-شىزاڭ تۆمۈريولىغىچە، يەنە سىچۈەن-شىزاڭ تۆمۈريولىغىچە بولغان بىرنەچچە تۈرلۈك چوڭ قۇرۇلۇش جەريانىدا ئېگىزلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئۇ جانلىق بايان قىلىپ، سۆزلىرىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى تولۇق نامايان قىلدى.
«ئېگىزلىك كېسىلى ئىزچىل ئېگىزلىكتىكى خىزمەت، تۇرمۇشتا دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق بولۇپ كەلدى.» چىڭخەي-شىزاڭ رايونىنىڭ داۋالاش ئەھۋالىغا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ مۇنداق دېدى: «ھازىر شارائىت، تېخنىكا سەۋىيەسى ناھايىتى كۆپ جەھەتلەردە يېتىشىپ مېڭىۋاتىدۇ، لېكىن بۇ جەھەتتە يەنە كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا چەت، يىراق رايونلارنىڭ بۇ كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاش كېرەك. كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىش كېرەك، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى ۋە زاڭزۇ تېبابىتى دورىگەرلىكى، موڭغۇل تېبابىتى دورىگەرلىكى، مياۋزۇ تېبابىتى دورىگەرلىكى قاتارلىق مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكلىرىمۇ بىزنىڭ قىممەتلىك بايلىقىمىز.»
باش شۇجى: «نۇقتىلىق خىزمەتلەر جايىدا ئىشلەنسە، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتقىلى بولىدۇ» دېگەن مېتودولوگىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى.
نۇقتىلىق خىزمەت دېگەن نېمە؟
ئون يىل ئىلگىرى ئېچىلغان مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق يىغىنىدا، يېڭى دەۋردىكى سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنى بېكىتىلدى، يەنى ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم نۇقتا، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ساغلاملىقنى بارلىق سىياسەتلەرگە سىڭدۈرۈش، خەلق ئورتاق بەرپا قىلىپ ئورتاق بەھرىلىنىش.
«پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ساغلاملىقنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي داۋالاش-سەھىيە ئىشلىرىنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سەھىيە ۋە ساغلاملىق تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك.» مانا بۇ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىنىڭ ئىللىقلىق ئاساسىنى سىزىپ بەردى.
«خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان كۆپ مەنبەلىك سەھىيە-ساغلاملىق ئېھتىياجى ئالدىدا، جەزمەن مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نەپ يەتكۈزۈش دائىرىسى كەڭ، بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش شەكلىنى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ ۋە بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ تۈرتكە بولۇش كېرەك» دېدى باش شۇجى سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ.
بۇ ئۈچ جەھەتنى بىر-بىرلەپ پارچىلاپ چۈشەندۈرىمىز.
ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتا، «جەمئىيەت ئورتاق ئىدارە قىلىش، داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى ماسلاشتۇرۇش، داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى يۇغۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى».
نەق مەيداندىكى ئەزالارنىڭ ھەممىسى ئەسىرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىن ئىبارەت چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقنى باشتىن كەچۈردى. بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش، ھاياتلىقنى قوغداش توسۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.
ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، دىققەت «داۋالاش ـ سەھىيە ئاساسىنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش ـ داۋالاش، ناھىيە، رايون ۋە ئاساسىي قاتلام داۋالاش ـ سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش» قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلدى. «14 ـ بەش يىل»دا كۆزنى چاقنىتىدىغان نەتىجە قەغىزى تاپشۇرۇلدى: ئاساسىي قاتلام داۋالاش ـ سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ سانى 970 مىڭدىن 1 مىليون 55 مىڭغا كۆپىيىپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ـ سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ دىياگنوز قويۇش ـ داۋالاش مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %50تىن يۇقىرى بولۇشنى ساقلىدى.
ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش شەكلىنى تەشەببۇس قىلىشتا، «ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كىشىلەرنى مۇۋاپىق غىزالىنىشقا يېتەكلەش، ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارغا توغرا كېلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئەمەلىي تەدبىر ۋە كونكرېت تۇتقا بولۇشى كېرەك».
بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، ئەزا ۋاڭ لۇ دۆلىتىمىزدە كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرىنىڭ 2025-يىلى 79.2 ياشقا يەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى، باش شۇجى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ساغلام تۇرمۇش شەكلىنى يېتىلدۈرۈش، ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم».
چوڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈردى.
نىشان ۋە ئۇلۇغۋار پىلان بار. «2035-يىلىغا بارغاندا ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان بىر تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. < 15-بەش يىل > لىق يىرىك پىلان بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، جەزمەن بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.»
قەدەم-باسقۇچ، قائىدە-تۈزۈم بولۇشى كېرەك. «ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىز سەھىيە-ساغلاملىق خىزمىتى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، بەزى كونكرېت سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئېھتىياجلىق، لېكىن جۇڭگوچە سەھىيە-ساغلاملىق تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتىن تەۋرىنىشكە بولمايدۇ، يېڭى دەۋردىكى سەھىيە-ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىن تەۋرىنىشكە بولمايدۇ.»
«15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى لايىھەسىنى ۋاراقلايدىغان بولساق: كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 80 ياشقا ئۆستۈرۈلدى؛ ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىدا پەرۋىش تىپىدىكى كارىۋاتلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى % 73 كە ئۆستۈرۈلدى. ..بۇ، ئۇلۇغۋار پىلاندا يەنە يېڭى سەھىپە پۈتىدىغان خەلق تۇرمۇشى بايانلىرى بار.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ