شى جىنپىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى، 3 - سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى، تېببىي دورا - سەھىيە ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

جۇڭگوچە سەھىيە ۋە ساغلاملىق تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى يوقلاشقا ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى

2026.03.08 17:09 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى، 3 - سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى، تېببىي دورا - سەھىيە ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى يوقلاشقا ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى، 3 - سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى، تېببىي دورا - سەھىيە ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: 2035 - يىلىغا بارغاندا ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان بىر تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، «15 - بەش يىل» بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل، جەزمەن بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېز ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

«8 - مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئايال ۋەكىللەر، ئايال ئەزالار، ئايال خىزمەتچى خادىملار، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئاياللار، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، تەيۋەن رايونىدىكى ئايال قېرىنداشلار ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى ئايال چياۋمىن قېرىنداشلارغا بايراملىق بەخت ۋە گۈزەل تىلەكلەرنى بىلدۈردى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى يوقلاشقا ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا ۋاڭ لۇ، ما شيۇجېن، لۇ كې، جياڭ جيەندۇڭ، باساڭ جوما، ليۇ چىفاڭ قاتارلىق ئالتە ئەزا ئايرىم - ئايرىم ساغلاملىقنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ئاساسىي قاتلام داۋالاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ماتېرىيال تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىش، دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئېگىزلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاشنى ياخشى ئىشلەش، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق - خەيرىيەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا سۆز قىلدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلىغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، مۇزاكىرىگە قاتناشقان ھەرقايسى ئەزالاردىن ھەم جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى، 3 - سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىدىن، تېببىي دورا - سەھىيە ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى زاتلاردىن، كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، «15 - بەش يىل»نى پىلانلاش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشتى. جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى، 3 - سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ۋە كەڭ ئەزالار پائال تۈردە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. تېببىي دورا - سەھىيە ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى زاتلار ئاڭلىق ھالدا ساغلام جۇڭگو قۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك دۆلەت، نوپۇس كۆلىمى غايەت زور، شەھەر - يېزا، رايونلارنىڭ پەرقى يەنىلا بىرقەدەر چوڭ بولغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت. ساغلام جۇڭگو قۇرۇشتا، جەزمەن دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سەھىيە ۋە ساغلاملىق تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتىدە بەزى كونكرېت سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، لېكىن تۈپ مەسىلىدە جەزمەن باشتىن - ئاخىر كاللىنى سەگەك تۇتۇش، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ساغلام جۇڭگو قۇرۇش بىر تۈرلۈك سىستېمىلىق قۇرۇلۇش. خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان كۆپ خىللاشقان سەھىيە، ساغلاملىق ئېھتىياجى ئالدىدا، جەزمەن مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نەپ يەتكۈزۈش دائىرىسى كەڭ، بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاشۇ خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ ۋە بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، پارتىيە كومىتېتى بىلەن ھۆكۈمەت تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر سىياسەت - تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى بويىچە رەقەملەشتۈرۈش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سەھىيە، ساغلاملىق ساھەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، كەڭ تېببىي خادىملارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېسىل تېببىي ئەخلاق، تېببىي ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان كەسىپ مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ساغلام جۇڭگو قۇرۇشتا، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى ئالاقىدار نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تەدبىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى، 3 - سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى، تېببىي دورا - سەھىيە ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى زاتلار كەسىپ ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پائال تۈردە ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشۇشى كېرەك.

شى تەيفېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، شاۋ خۇڭ، ۋاڭ دۇڭفېڭ، ياڭ جېن قاتارلىقلار بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ