ۋاڭ يى دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسى توغرىسىدا توختالدى

2026.03.08 17:13 مەنبە: خەلق تورى

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ دىپلوماتىيە باش تېمىسىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسى جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. ئۆتكەن بىر يىلدا، بوران-چاپقۇنلۇق خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ كەڭ دائىرىدىكى دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇھىم تارىخىي پەيتلەرنى ياراتتى. ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەر رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلاپ قوماندانلىق قىلغان جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان دۇنيانى ئەڭ قىممەتلىك مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيادىكى قالايمىقان ۋەزىيەتتە ھېچ نەرسە ئورنىنى ئالالمايدىغان مۇستەھكەم تۈۋرۈككە ئايلانغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ