دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى: قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەر بەل ئايلانمىسىنى 90 سانتىمېتىر ئىچىدە، ئاياللار 85 سانتىمېتىر ئىچىدە كونترول قىلىشى كېرەك

2026.03.08 17:12 مەنبە: خەلق تورى

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى بۈگۈن خەلق تۇرمۇشى تېمىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى.

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لېي خەيچاۋ يىغىندا مۇنداق تونۇشتۇردى: «نۇرغۇن كىشىلەر قۇرامىغا يەتكەنلەر بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچىنى 19 دىن 24 كىچە، ياشانغانلار 27 ئىچىدە كونترول قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدى؛ قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەر بەل ئايلانمىسىنى ئادەتتە 90 سانتىمېتىر ئىچىدە، ئاياللار بەل ئايلانمىسىنى ئادەتتە 85 سانتىمېتىر ئىچىدە كونترول قىلسا بەدەندىكى ماي نىسبىتىنىڭ نورمال دائىرىسىگە قارىتا تونۇش ھاسىل قىلسا. ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەر تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ. بىز ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۇنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىمىز.»

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ