
تاغ - دەريالار گۈزەل تۈسكە كىردى، جۇڭگو زېمىنى باھاردىكى قۇياش نۇرىغا چۆمدى. 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3000غا يېقىن ۋەكىلى خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىگە ئېلىپ پايتەختكە جەم بولۇپ، «15 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پىلانلايدۇ. بىز يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!
ئىنتايىن ئالاھىدە بىر يىلغا ئىنتايىن قالتىس كۈرەش ئىزلىرى نەقىشلەندى. 2025 - يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتكە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، نۇرغۇن چوڭ ئىش، مۇھىم ئىشلارنى قىلدۇق، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇندىدۇق. دۆلىتىمىز ئىقتىسادى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى بولۇشقا، ئەلا بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، %5لىك ئېشىش سۈرئىتى بىلەن دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە داۋاملىق ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، كىۋانت پەن - تېخنىكىسى، بىيوتېببىي دورا قاتارلىق ساھەلەردە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى بەس - بەستە بارلىققا كەلدى، دۆلىتىمىز يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئەڭ تېز ئاشقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، قۇۋۋىتى ۋە ئەۋزەللىكى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇدى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ غەلىبىسىدىن كۈچ قوبۇل قىلىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، دۆلىتىمىز كۈنسېرى داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان دۇنيادا «ئېنىقلىققا تولغان بوستانلىق»قا ئايلىنىپ، چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.
ئىنتايىن ئالاھىدە بەش يىلدا، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان جۇڭگو مۆجىزىسى يارىتىلدى. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى ئۇدا يېڭى ئۆتكەللەردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، 110 تىرىليون يۈەندىن بۆسۈپ ئۆتۈشتىن 140 تىرىليون يۈەندىن ئېشىشقىچە «ئۇدا تۆت قېتىم ھالقىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %30 ئەتراپىدا بولۇشنى ساقلىدى. ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى تېز سۈرئەتتە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ يارقىن ئاساسىي رەڭگە ئايلاندى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇلار، بىزنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، كۈرەش قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەش ئىرادىمىز، شىجائىتىمىز، ئىشەنچىمىزنى زور دەرىجىدە كۈچەيتتى، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى.
دەھشەتلىك دولقۇنلاردىن سالماقلىق بىلەن ئۆتۈپ، قانچە جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەر بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلىدۇق. پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى، پۇختا قەدەم تاشلاپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تولۇق نامايان قىلدۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەپ، باسقۇچمۇباسقۇچ پۇختا ئالغا سىلجىتساقلا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا چوقۇم ئۈزلۈكسىز كىچىك غەلىبىلەرنى جۇغلاش ئارقىلىق چوڭ غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز، بىزنىڭ نىشانىمىز چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ.»
تۈزۈم ئەۋزەللىكى بىر دۆلەتنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكى. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، پارتىيە رەھبەرلىكىدە، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچى ۋە روشەن ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە خەلقنىڭ كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئۆتكەن بىر يىلدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۇنىڭغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، قانۇن سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ۋەكىللەر قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنى تۇتقا قىلىپ ۋەكىللەر خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئالاقىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «تۆت ئورگان» قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى جەھەتتىكى خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش ۋە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.
بۇ يىل «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىل، ياخشى باشلىنىش يېرىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىق. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا مەۋقە ئاساسنى پۇختىلاش، ئومۇميۈزلۈك كۈچەشكە قويۇلۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، كەلگۈسى بەش يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ چىقىلدى. ھازىر، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدا ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ - خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت، ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتىدۇ. نىشان قانچىكى ئۇلۇغۋار، خىرىس قانچىكى كەسكىن بولغانسېرى، تۈزۈم ئىشەنچىنى شۇنچە چىڭىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «جۇڭگو تۈزۈمى» ئارقىلىق «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»غا تىرەك بولۇش، جۇڭگو مۆجىزىسىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈملۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىرادىسى ۋە خەلقنىڭ ئورتاق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن - سىياسەتلىرى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دۆلەت خىزمىتىدە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلغاندا، چوقۇم دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى خەلقنىڭ قولىغا مەھكەم تۇتقۇزغىلى بولىدۇ.
پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش، ئوخشاش يۆنىلىشتە تەڭ ئىلگىرىلەش، قەلبنى مۇجەسسەملەش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملەش، كۈچنى مۇجەسسەملەش دەل جۇڭگوچە دېموكراتىيەنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسى. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسى بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، ئاممىنىڭ ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىپ، پۈتۈن يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلىگەندە، چوقۇم «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. كەڭ ۋەكىللەرنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، راست گەپ قىلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى سۆزلەپ، ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ياخشى تەدبىرلەرنى كەڭ دائىرىدە پىلانلاپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلىشى، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
جاپا - مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ، تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ ئۆتتۇق. ھازىر، بىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كەلدۇق، جەزمەن تارىخىي كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈشتە «ئاچقۇچلۇق كالتەك»نى ياخشى يەتكۈزۈشىمىز كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلىساق، بىز چوقۇم «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە يەنە شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىمىز.
يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز!
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ