2025 ـ يىلى GDP 5% ئېشىپ، ئومۇمىي مىقدارى 140 تىرىليون 190 مىليارد يۈەنگە يەتتى

2026.03.05 16:18 مەنبە: خەلق تورى

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات: بىر يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئىلگىرىلەپ، كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكىنى نامايان قىلدى. ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %5 ئېشىپ، ئومۇمىي مىقدارى 140 تىرىليون 190 مىليارد يۈەنگە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ