
باھار دولقۇنى مەۋج ئۇرۇپ، ھەممە يېڭى تۈسكە كىردى. 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. 34 ساھەدىن كەلگەن 2000دىن ئارتۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى سەمىمىي ئارزۇ - ئۈمىدلىرىنى ئېلىپ، شەرەپلىك بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىدۇ. بىز يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!
2025 - يىلى ناھايىتى ئالاھىدە بىر يىل بولدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئېنىقلىقى ئارقىلىق تۈرلۈك ئېنىقسىزلىقلارغا تاقابىل تۇردى. دۆلىتىمىز ئىقتىسادى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى بولۇشقا، ئەلا بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلىرى ئوڭۇشلۇق ئورۇندالدى، پۈتۈن يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تۇنجى قېتىم 140 تىرىليون يۈەنلىك ئۆتكەلدىن ھالقىپ ئۆتتى، ئېشىش سۈرئىتى دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە داۋاملىق ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. بەش يىل جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق «14 - بەش يىل» مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى تېز سۈرئەتتە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلاندى، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن، كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى.
«دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلىدى، ھەممە ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلدى. بىر يىلدىن بۇيان، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، مېخانىزملاشتۇرۇش تەتقىقاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى، سىياسىي ئاساسىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلارنى زىچ چۆرىدەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ ۋە تەكلىپ بېرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشتى. كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئاڭلىق ھالدا قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، تەدبىر بەلگىلەش، مەسلىھەت بېرىش، كېڭىشىش دېموكراتىيەسى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى كونكرېت ئەمەلىيەتكە ئاتلىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيە ۋە خەلق قولغا كەلتۈرگەن بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ نەتىجىسى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ روشەن مەنىۋى بەلگىسى.» بوران - چاپقۇندا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا شانلىق نەتىجىلەر يارىتىلدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىزدا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىشىدىكى مۇقەررەر يول ئىكەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىز پارتىيە رەھبەرلىكىدە ھەممە بىر مەقسەتتە بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرسەكلا، چوقۇم جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتالايمىز.
2026 - يىلى «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىل، بىز نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو مۆجىزىسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشىمىز كېرەك. قانچىكى ئۇلۇغۋار نىشان بولغانسېرى، قانچىكى خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تولغانسېرى، جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش ئۇلۇغ كۈچىنى شۇنچە مۇجەسسەملەش كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سەپ تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيە رەھبەرلىكى، بىرلىك سەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى، ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كەڭ دائىرىدە قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملەش، كۈچنى مۇجەسسەملەشنى ئىشقا ئاشۇرغاندا، چوقۇم يېڭى دەۋردىكى بۇرچ، ۋەزىپىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئالالايدۇ. كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىدارى، ساپاسى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە تەكلىپ بېرىش نەتىجىلىرى ئارقىلىق «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا مۇلازىمەت قىلىشى ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە، ھەربىر ئۈلۈش كۈچ مۇجەسسەملىنىپ ئۆركەشلەپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ئېقىنغا ئايلىنىدۇ، مۇشەققەتلىك بېسىلغان ھەربىر قەدەم قاتلىنىپ توسۇۋالغۇسىز قەدەمگە ئايلىنىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقايلى.
يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز!
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ