«شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە دائىر سوئال - جاۋابلار» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2026.03.05 09:11 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەشكىللەپ تۈزگەن «شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە دائىر سوئال - جاۋابلار» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «سوئال - جاۋابلار» دېيىلدى) ناملىق كىتابنى خەلق نەشرىياتى، ئۆگىنىش نەشرىياتى بىرلىشىپ نەشر قىلدى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلىدۇ.

«سوئال - جاۋابلار» ناملىق كىتاب يېڭى دەۋردىكى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئەمەلىيىتىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، دىققەتنى نەزەرىيەۋى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت دىققەت قىلىۋاتقان، كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ، سوئال - جاۋاب شەكلى ئارقىلىق شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، ئىلمىي سىستېمىسى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، چۈشىنىشلىك نامايان قىلغان بولۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. «سوئال - جاۋابلار» جەمئىي 14 بۆلەك، 50 سوئالغا بۆلۈنگەن، مەزمۇنى مول، شەكلى يېڭى، سۈرەت بىلەن يېزىق بىرلەشتۈرۈلگەن، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك بولۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشىدىكى مۇھىم ياردەمچى ئوقۇشلۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ