ئەزا مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئېلاستىك خىزمەت تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ كېڭەيتىش كېرەك

2026.03.04 16:22 مەنبە: خەلق تورى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي قاتناش داشۆسى ئەنتەي ئىگىلىك باشقۇرۇش كادىرلار شۆيۈەنىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك پىروفېسسورى لۇ مىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «ئىچكى خورىتىش شەكلىدىكى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش توزىقىنى يېشىش بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، كۆپ تەرەپ ھەمتۈرتكە بولۇش، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ.» ئىلمىي باشقۇرۇش ۋە جانلىق خىزمەت ئەندىزىسىنى كېڭەيتىش تەكلىپىنى بېرىمەن. كارخانىلارنى ئىلغار باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى كىرگۈزۈشكە يېتەكلەپ، ئىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ياكى ئاددىي مىقدارلاشتۇرۇلغان كۆرسەتكۈچىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمنى يادرولۇق باھالاش ئاساسى قىلىش كېرەك. شارائىتى يار بەرگەن ساھە ۋە كارخانىلاردا ئېلاستىك خىزمەت تۈزۈمى قاتارلىق جانلىق شەكىللەرنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋە كېڭەيتىشنى قوللاش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ