ۋەزىپە ئۆتىگەن بۇ بىر يىلدا

ۋەكىل شۆ جىلۇڭ: يۇرتداشلارنىڭ ساداسىنى ئاڭلىغىلى، ئىنكاس قايتۇرغىلى بولىدىغان بولدى

2026.03.04 16:15 مەنبە: خەلق تورى

باھار بايرىمىدا، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇلانچاب شەھىرى جوزى ناھىيەسى خۇاڭچىتەن كەنتىدە، ھەممە ئائىلىنىڭ ئىشىك ئالدىغا چوڭ قىزىل پانۇس ئېسىلغان بولۇپ، باھار بايرىمى كەيپىياتى يەنىلا قويۇق ئىدى. بۇ پانۇسلارنى باھار بايرىمىدىن بۇرۇن كەنت كومىتېتى ھەقسىز تارقىتىپ ئېسىپ بەرگەن ئىدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خۇاڭچىتەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شۆ جىلۇڭ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە كەنتتىكى چوڭ-چوڭ تەدبىرلەرنى بەلگىلەشتە ھەممىمىز كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پىكرىنى ئاڭلايمىز. پانۇسنى ھەقسىز ئورنىتىشمۇ پىكىر ئېلىنىپ ھەم يېرىمدىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن يولغا قويۇلغان.» كەنت دەرىجىلىك ئىشلارنى باشقۇرۇش سۇپىسى «善治美» يان تېلېفون ئەپچىقى ئارقىلىق، خۇاڭچىتەن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى سوئال سوراپ، پىكىر بايان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنت يەنە قەغەز نۇسخىدىكى ئاممائىلتىماس-تەلەپ كارتىسى تارقىتىدۇ.

شۆ جىلۇڭ مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قاتلامدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يۇرتداشلارنىڭ ساداسى مېنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، ئالاقىدار تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمدىكى مۇھىم ئاساس ھېسابلىنىدۇ.»

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ