
سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-يىغىنى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا يېپىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىر يىلدىن بۇيان، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە رەھبەرلىكى، بىرلىك سەپ، كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى دائىملىق ئۆگىنىش، تەربىيەلەش، مېخانىزملاشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش، ئىزاھلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركىزىي ئومۇمىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى پائال زىممىسىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەت تۈزۈمى، مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش ۋە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: 2026-يىلى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى، 4-ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت ئورتاق ئىدىيەۋى-سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، «15-بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كىشىلەر قەلبىنى، ئورتاق تونۇشنى، ئەقىل-پاراسەتنى، كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك. سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تەييارلىق كۆرۈشى كېرەك.
يىغىندا سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى (لايىھە) ۋە كۈنتەرتىپى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ماقۇللاندى. ئالاقىدار لايىھە ۋە دوكلاتلار سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدۇ.
يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنىڭ باش كاتىپى، مۇئاۋىن باش كاتىپلىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى؛ يولداش چى بىن 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىقىغا، ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ كومىتېتتا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تولۇقلاندى؛ يولداش تاڭ لياڭجى مائارىپ-پەن-سەھىيە-تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تولۇقلاندى.
يىغىندا خەن ۋېيگونى سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىكدائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق، تەكلىپ كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، ليۇ لېينى سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، گاۋ جىننى سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق، ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، خەن ۋېيگو، ليۇ لېي، گاۋجىنلارنى سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى. جاڭ كېجيەننى سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى؛ ياڭ خۇي، لى شېڭلۇڭلارنىڭ سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن سورىغان ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى؛ ۋاڭ چۈنرۇنىڭ سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى.
يىغىندا ۋاڭ شىڭخۇەن، جاڭ دۇڭچېن، ساۋ جيەنگو، ليۇ گويۆ، ما جېڭۋۇ، فەن يوۋشەن، زېڭ يى، يۈ پېيگېن، تيەن شۆبىن، خې سۇڭلارنىڭ سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار ئېتىراپ قىلىندى.
يېپىلىش يىغىنىدىن كېيىن، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ ۋېنتاۋ تەكلىپكە بىنائەن «سودىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ ، سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتەيلى» دېگەن تېمىدا ئۆگىنىش لېكسىيەسى سۆزلىدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى تەيفېڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن خۇ چۇنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، ۋاڭ دۇڭفېڭ، جياڭ شىنجى، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېنلار يىغىنغا قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ