مۆلچەرلىنىشىچە، تەخمىنەن 60 مىڭ ئادەم قوبۇل قىلىنىدىكەن! 2026 ـ يىللىق غەربىي رايونغا پىدائىي مۇلازىمىتى قىلىش پىلانىغا تىزىملىتىش باشلاندى

2026-يىللىق داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى غەربىي رايونغا پىدائىي مۇلازىمىتى قىلىش پىلانىغا تىزىملىتىش باشلاندى

2026.03.03 16:07 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 3 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 2026 ـ يىللىق داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى غەربىي رايونغا پىدائىي مۇلازىمىتى قىلىش پىلانىغا تىزىملىتىش يولى ئېچىلغان. بۈگۈندىن باشلاپ 5-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى شۇ يىلى پۈتكۈزىدىغانلار ياكى ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقانلار «西部志愿汇» ۋىيشىن سالونى ياكى غەربىي رايون پىلانى ئورگان تور بېكىتى (https://xibu.youth.cn)گە چىقىپ، غەربىي رايون پىلانى ئۇچۇر سىستېمىسىدا تىزىملاتسا بولىدىكەن.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە غەربىي رايون پىلانى بويىچە يېڭىدىن 50 مىڭ پىدائىي قوبۇل قىلىنىدىكەن، %90تىن يۇقىرى مۇلازىمەت ئىش ئورنى يېزا-بازار ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن جايلاردا بولۇپ، يېزا-كەنت مائارىپى، يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش، ساغلام يېزا-كەنت، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدار قىلىش، دۆلەت چېگراسىنى قوغداش، ئاساسىي قاتلام ياشلار خىزمىتى، شىنجاڭغا مۇلازىمەت قىلىش، شىزاڭغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق سەككىز مەخسۇس تۈر تەسىس قىلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، غەربىي رايون پىلانى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئورتاق تەشكىللەپ يولغا قويغان ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشى ئىكەن. تۈر يولغا قويۇلغان 23 يىلدىن بۇيان، جەمئىي 600 مىڭغا يېقىن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى غەربىي رايونغا ئاتلىنىپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى، پۇقرالار تۇرمۇشى ۋە جەمئىيەت ئىدار قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا ياشلىق سالاپىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ