«14-بەش يىل»نى بېسىپ ئۆتۈپ، باش شۇجىنىڭ ئىككى يىغىندا قىلغان بۇ سۆزىنى ئەسكە ئالدىم

«كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىشى، يول ئېچىپ ئىلگىرىلىشى كېرەك»

2026.03.03 15:39 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرىمىز جۈ يۈنپېڭ

كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلى ۋە قائىدە-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، پاك-دۇرۇس بولۇش ئوبرازى بىلەن خەلق ئاممىسىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى، يېتەكلىشى كېرەك.

− باش شۇجى شى جىنپىڭ 2025 ـ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا مۇنداق كۆرسەتكەنىدى

«مۇشۇ ئىشىك بولسىلا، كۆپ قولاي بولىدۇ! » « دۇكانلارغا، يېشىللىققا بېرىشتا، ئەمدى چوڭ چۆرگۈلەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق».

باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئەمدىلا ئۆتۈشىگە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ چاڭنىڭ رايونى خۇڭچياۋ كوچا باشقارمىسى گۇبېي رۇڭخۇا 4-ئاھالىلەر رايونى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شېڭ خۇڭ ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ زىيارەت قىلدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، نۇرغۇن ئاھالە مەھەللىدىكى ھەربىر ئىشىكنى تىلغا ئالدى.

بۇ ئىشىك ئىلگىرى بىر تام ئىدى. تامنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئىككى ئولتۇراق رايون ۋە بىر ئىختىساسلىقلار ياتاق بىناسىدا نەچچە يۈز ئائىلىلىك ئاھالە ئولتۇراتتى؛ تامنىڭ غەرب تەرىپىدە باغچە يېشىللىقى، مەھەللە كىچىك دۇكىنى، شەھەر ئاھالىلىرى مەركىزى بار ئىدى.

ئىشىك ئېچىش مەھەللىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئاھالىلەرنىڭ يۈرەك ساداسى ۋە ئۈمىدىگە ئايلاندى.

ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى كىم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؟

«ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار. » شېڭ خۇڭ باشلامچى بولۇپ، دېموكراتىك كېڭىشىشكە تەشكىللەپ پىكىر ئالدى، ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ لايىھە تۈزدى، لايىھەنىڭ ئەلالىشىپ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ..ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، تام ئۆرۈۋېتىلىپ ئىشىك ئېچىلدى.

بىر ئىشىك ئاھالىلەرگە قولاي يېڭى تۇرمۇش ئېلىپ كەلدى. مۇخبىرلار چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا، بەش مىنۇتتىلا ئون ئاھالىنىڭ بۇ ئىشىكتىن كىرىپ چىققانلىقىنى كۆردى.

2025 -يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلى ۋە قائىدە-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، پاك-دۇرۇس بولۇش ئوبرازى بىلەن خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.»

بۇنىڭغا قارىتا، شېڭ خۇڭ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە، قورشاۋ تامنى راۋانلاشتۇرۇش مەھەللىدىكى قارىماققا كۆزگە چېلىقمايدىغان كىچىككىنە ئۆزگەرتىش بولسىمۇ، ئاھالىلەرنىڭ ئەڭ ھەقىقىي ئېھتىياجىغا جاۋاب قايتۇردى، «كىچىككىنە مەھەللە مىڭلىغان-ئون مىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، خۇشاللىقى، غەزەپ-نەپرىتى ۋە قايغۇ-ھەسرىتىگە تۇتىشىدۇ. باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن ئىش بېجىرىش، خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجە قىلىپ، مەھەللە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز.»

«يېڭىلا ئېچىلغان سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتىمىز كېسەل كۆرسىتىش، دورا ئېلىشنى تېخىمۇ قولايلاشتۇردى.» ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن، باھار بايرىمى ئىلگىرى گۇبېي رۇڭخۇا مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ يوپۇقى ئېچىلىپ، ئۇنىۋېرسال دىياگنوز قويۇش-داۋالاش، ئاياللار، بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش، جۇڭيى تېبابىتى بويىچە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق ئىقتىدارلار بىر گەۋدىلەشتۈرۈلدى. شېڭ خۇڭ زىيارەت قىلىش جەريانىدا، ئاھالە لياڭ جيېخۇي ئىشىكى ئالدىدىكى ئەلا سۈپەتلىك مەھەللە داۋالاش مۇلازىمىتىنى ئالقىشلىدى.

ئاھالىلەر رايونىدىكى جىڭچېن ئىختىساسلىقلار ياتاق بىناسىدا، نۇرغۇن بالىلىق ئاتا-ئانىلار تۇراتتى. ياتاق بىناسىنىڭ مەسئۇلى بەزى ئاھالىلەرنىڭ ئەتراپتا بالىلار كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنىڭ كۆپرەك بولۇشىنى، تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلار، بالىلار پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شېڭ خۇڭ بۇنى ئەستايىدىل خاتىرىلىۋالدى، «بىز كۆپرەك پائالىيەت تەشكىللەپ، ئاتا-ئانىلار، بالىلارغا تېخىمۇ دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك.»

خەلق ئۈچۈن نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق نەتىجە يارىتىشنىڭ ئاچقۇچى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە.

بۇ بىرنەچچە يىلدا، شېڭ خۇڭ نۇرغۇن مەھەللە ئاھالىسىنىڭ ئويلىغانلىرىنى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا ئېلىپ باردى. مەھەللىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتى ۋە زىيارەت جەريانىدا توپلىغان ئاممىنىڭ پىكىر-ئىنكاسلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، بۇ يىل ئۇ خەلق ئاممىسىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى توپلاش، قايتما ئىنكاس قىلىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ياخشى ئامال-چارىلىرىنى كادىرلارنىڭ ياخشى تەدبىرىگە ئايلاندۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشكە تەييارلىق قىلدى.

توغرا نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشتە، خەلق تۇرمۇشىنى ھەممىدىن مۇھىم بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئۈچۈن كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ئاممىنى ھېس قىلىش، ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. «بىز راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك.» باھاردىكى يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى سەپەردە ئۇلارنىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشتى.

«ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش»

مۇخبىرىمىز لى يانەن

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ تۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات-ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى ئورتاق قۇرۇپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىشىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

− باش شۇجى شى جىنپىڭ 2022 ـ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا مۇنداق كۆرسەتكەنىدى

شىنجاڭ تارباغاتاي ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان شەھەر.

3-ئاينىڭ 1-كۈنى، چۆچەك شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپتە «سۆيىمەن سېنى جۇڭگو» دېگەن مېلودىيە مەكتەپ قورۇسىدا ياڭرىدى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى مەكتەپتە ھەر يىلى ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرسنىڭ مۇھىم مەزمۇنى.

«< مېنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ تيەنئەنمېننى كۆرگۈم بار > < بىز ھەممىمىز جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى > بۇ بالىلارنىڭ ئېغىزىدىن چىققان ئەڭ سەمىمىي ئىپادە» دېدى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، مەكتەپ پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مىن شياۋچىڭ.

2022-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ تۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى بەخت-سائادەتتىمۇ، جاپا-مۇشەققەتتىمۇ بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات-ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى ئورتاق قۇرۇپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك».

باش شۇجىنىڭ سۆزىنى مىن شياۋچىڭ قەلبىدە چىڭ ساقلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى مائارىپ-ئوقۇتۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە تىرىشىپ ئەمەلىيلەشتۈردى. چۆچەك شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپتە، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى قاتارلىقلار باش تېما قىلىنغان سىنىپ، ئەترەت دەرسى، ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى پائالىيىتى مول مەزمۇنلۇق بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى.

ھەربىر سىنىپقا كىرگەندە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەدەنىيەت تېمى كۆزگە ئەڭ چېلىقىپ تۇراتتى. مىن شياۋچىڭ مۇنداق دېدى: «بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ياخشى ئۆسمۈر، ياخشى ياتاق، ياخشى سىنىپلارنى قەرەللىك باھالاپ، ئۇلارنىڭ ھېكايىلىرىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەدەنىيەت تېمىغا قويۇپ، بالىلارنى ھېكايىلەردىن كۈچ-قۇۋۋەت ئېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېتىقادىنى كۈچەيتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق.»

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى مەكتەپلەردىن مەھەللە ۋە كوچىلارغىچە ئېچىلدى.

چۆچەك شەھىرى يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسى قارادۆڭ مەھەللىسىدە، مىن شياۋچىڭ مۇنداق دېدى: «قوشنىلار بايرىمى. يۈز ئائىلىلىك زىياپەت» پائالىيىتى ئۇدا 11 يىل ئۆتكۈزۈلدى، 14 مىللەتتىن بولغان ئاھالە «بىر جوزىدا بىللە تاماق يېدى». «مەن چۆچەك شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپتە خىزمەت قىلغان ۋاقتىمدا، مەكتەپ مۇشۇ مەھەللىدە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ بىرلىكتە يۈز ئائىلىلىك زىياپەتكە قاتناشتۇراتتى. بالىلار خۇشال كەيپىيات ئىچىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدى.

مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەخس، چۆچەك شەھىرى ئاھالىسى سالىقجان ئىمىن ئون نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ھويلىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئائىلە كۆرگەزمە سارىيى قۇردى.

چۆچەك شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى سو خاۋرەن مۇنداق دېدى: «مەكتەپ بىزنى سالىقجان تاغىنىڭ ئۆيىدە بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا، تاغىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېكايىسىنى ئاڭلاشقا تەشكىللىدى. چۆچەكتە ھەر مىللەت ئامما ئاككوردىيون ئاۋازىغا جور بولۇپ بىللە ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينايدىغان مەنزىرىنى دائىم كۆرەلەيمىز.»

چۆچەك شەھىرىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئالتە كوللېكتىپ، 31 شەخس دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى بولۇپ تەقدىرلەندى.

مىن شياۋچىڭ مۇنداق دېدى: «ھەرقايسى مىللەتلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى، ئۆزئارا ياردەم بەرسەك، كۈنلىرىمىز چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ!»

ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۈمىدىنى ئېلىپ، مىن شياۋچىڭ پات ئارىدا بېيجىڭغا بېرىپ ئىككى يىغىنغا قاتنىشىدۇ، «بۇ يىل مەن شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چۆرىدەپ چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كىشىلەر قەلبىگە تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭدۈرىمەن.»

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ