
سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-يىغىنى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.
يىغىندا سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2025-يىللىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى (لايىھە)، سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات (لايىھە)نى تەييارلاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىزاھات ۋە ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى ئىقتىساد كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتى، نوپۇس-بايلىق-مۇھىت كومىتېتى، مائارىپ-پەن-سەھىيە-تەنتەربىيە كومىتېتى، جەمئىيەت ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتى، مىللەت ۋە دىن كومىتېتى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ئىشلىرى ۋە چياۋمىن ئىشلىرى كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، مەدەنىيەت-تارىخ ماتېرىياللىرى ۋە ئۆگىنىش كومىتېتىنىڭ 2025-يىللىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى تەيفېڭ ئېچىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالاقىدار قارالمىلار توغرىسىدا دوكلات بەردى ۋە ئىزاھات بەردى.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن خۇ چۇنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، جياڭ شىنجى، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن يىغىنغا قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ