
مۇخبىرىمىز جاڭ ۋېنخاۋ
باھار بايرىمى ئۆتۈپلا، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنياڭ شەھىرى شىخې رايونى دۇڭجياخې بازىرى يۈنۋۇ كەنتىدىكى چايزارلىقتا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنياڭ دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، دابيېشەن تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گو گۇييى چايزارلىق ئارىسىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، نەملىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈردى.
بىرنەچچە چايچى دېھقان توختىماستىن مۇنداق سورىدى: «گو پىروفېسسور، بۇ چايزارلىقنى قانداقراق پەرۋىش قىپتىمىز؟» گو گۇييى ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئوبدان بوپتۇ، قىشتىن ئۆتۈش پەرۋىشى بىرقەدەر ياخشى ئىكەن. بۇ يىل ئەتىيازدا تېمپېراتۇرىدا داۋالغۇش چوڭ بولدى، تۈگەنچى ئەتىيازدىكى سوغۇقتىن ئالدىن سىگنال بېرىشكە ئالدىن تەييارلىق قىلىشىمىز، يەنە ۋاقتىدا تېيىز ئاغدۇرۇپ، تۇپراقنى بوشىتىپ، نەملىكنى ساقلاپ، چايزارلىقنى ئېچىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.» چاي ئىلمى ئوقۇتۇش-تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، گو گۇييىنىڭ دەرسخانىسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دەرس مۇنبىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى، ئۇ شىنياڭ شەھىرىنىڭ ئون رايون، ناھىيەسىدىكى ئاساسلىق چاي ئىشلەپچىقىرىدىغان يېزا-كەنت، پۈتۈن مەملىكەتتىكى چاي ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلارنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ كەلدى.
شىنياڭ ماۋجيەن چېيى دۆلىتىمىز يېشىل چايلىرىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك مەھسۇلاتى، لېكىن تاغلىق رايوندىكى نۇرغۇن چايچى دېھقانلار يەنىلا كونا تەجرىبىسىگە تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىدۇ، قورۇپ ئىشلەپچىقىرىلغان چاينىڭ سۈپىتى مۇقىم ئەمەس. گو گۇييىنىڭ قارىشىچە، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق دېھقانلارغا ياردەم بېرىشتە «سىستېمىلىق رېتسېپ» يېزىش كېرەك ئىكەن. ئۇ دۆلەت ئۆلچىمى «جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتى شىنياڭ ماۋجيەن چېيى» ۋە تەمىنات-سودا ھەمكارلىق كەسپى ئۆلچىمى «شىنياڭ قىزىل چېيى» قاتارلىقلارنى تۈزۈشكە قاتناشتى؛ بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، ئۇ رىياسەتچىلىك قىلىپ تەييارلىغان تەمىنات-سودا ھەمكارلىق كەسپى ئۆلچىمى «شىنياڭ ماۋجيەن چېيى پىششىقلاش تېخنىكا قائىدىسى» تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، گو گۇييىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش باش تېمىسىغا يەنە چاي مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش، قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش قوشۇلدى. بۇلتۇر، ئۇ چاي (مەدەنىيەت)نى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى بەلگە سىستېمىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پائال جاۋابىغا ئېرىشتى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، گو گۇييى يەنە بىر قىسىم يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى مەنبەسىنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار داشۆلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنى «قوبۇل قىلالماسلىق، تۆۋەنگە چۈشۈرەلمەسلىك» ئەھۋالىنى؛ بىر قىسىم يېزا ئىگىلىك كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى بىلەن ئاجراپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى. بۇلتۇر، ئۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەرگە قارىتا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىختىساسلىقلىرىنى نىشانلىق تەربىيەلەشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى تەكلىپنى سۇنغانىدى. 2026-يىلى مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى نىشانلىق تەربىيەلەشكە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭ ئارقىسىدا، گو گۇييىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ۋەكىل، ئەزا ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇراجىئىتى مۇجەسسەملەنگەن.
يېشى 60 تىن ئاشقان گو گۇييى يەنىلا ئوقۇتۇش ۋە چايچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئاكتىپ ئىشلىمەكتە. بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئۇ چايچىلىق كەسپى، چاي مەدەنىيىتى ۋە يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا داۋاملىق تەكلىپ بېرىدۇ.
مۇخبىر خاتىرىسى
ئۈچ چى كېلىدىغان دەرس مۇنبىرىدىن 10 مىڭ مولۇق چايزارلىققىچە
دابيېشەن ئىنقىلابىي كونا رايونىدىن چىققان خەلق ئوقۇتقۇچىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى گو گۇييىنىڭ ۋۇجۇدىدىن «يەرلىك پۇراق» چىقىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ دەرسخانىسى ئۈچ چى كېلىدىغان دەرس مۇنبىرىدىن 10 مىڭ مولۇق چايزارلىققىچە ئۇزارغانىدى.
گو گۇييى مۇنداق دېدى: «بىر تال يۇمران بىخ بىر جاينىڭ پۇقرالىرىنى بېيىتالايدۇ.» شىنياڭ چاي ئارقىلىق كەسىپنى گۈللەندۈرۈپ، چاي ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىپ، كونا ئىنقىلابىي رايون خەلقىنى بېيىش يولىغا يېتەكلىدى، «مەن ئىلمىي ماقالىنى ۋەتەن زېمىنىدا يېزىپ، چاي مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، چايچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىش جاۋاب قەغىزىنى ياخشى يازىمەن.»
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ