ئەزا فېڭ يىدۇڭ − يېشىل پۇل مۇئامىلە ئۈستىدە ئىزدىنىپ تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش (ئەمەلىي ئىشلەپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلىش، بىر نىيەتتە يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىش. ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ھېكايىسى)

2026.03.02 15:43 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرىمىز لى رۈي

باش باھاردىكى شەندۇڭ تۇپرىقىدا، دۇڭيىڭ خىمىيە سانائىتى باغچە رايونىدىكى يېشىل ئۆزگەرتىلگەن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى مۇقىم ئايلىنىۋاتاتتى، زىبو ساپال ۋە فارفۇر بۇيۇملار كارخانىلىرىنىڭ تۆۋەن كاربونلۇق پىشۇرۇش سېخىدا ماشىنىلار گۈرۈلدىمەكتە ئىدى، چىڭداۋ پورتىدىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك قاچىلاش-چۈشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى تەرتىپلىك مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى... بۇ يىللاردىكى كەسىپ ئۆزگىرىشلىرىگە گۇۋاھ بولۇپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، جۇڭتەي ئاكسىيەسىنىڭ باش دىرېكتورى فېڭ يىدۇڭ تولۇپ تاشقان ھاياجانغا چۆمدى.

«2018-يىلى، بىر قېتىم مەن دۇڭيىڭدىكى بىر خىمىيە سانائىتى كارخانىسىغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغىلى بارغاندا، زاۋۇت رايونى ئاسمىنىنى بىر قەۋەت كۈل رەڭ تۇمان قاپلىغان بولۇپ، ھاۋانى بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان پۇراق قاپلىغانىدى. كارخانا مەسئۇلى ماڭا ئۇلارنىڭمۇ تىپ ئۆزگەرتكۈسى بارلىقىنى، لېكىن بانكا تەرەپنىڭ <ئىككى يۇقىرى> ساھە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپلا قوشۇلمىغانلىقىنى ئېيتتى.» ئاشۇ كۆرۈنۈش فېڭ يىدۇڭنىڭ قەلبىدىكى بىر تۈگۈن بولۇپ قالدى. كېيىن ئۇ ئەترەتنى باشلاپ جىنەن، زىبو، ۋېيفاڭ قاتارلىق ئون نەچچە ئەنئەنىۋى سانائەت كارخانىسىنى زىيارەت قىلىپ، كارخانىلارنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشتىكى ئورتاق قىيىن ئەھۋالىنى بايقىدى: ئارزۇسى بار بولسىمۇ، مەبلەغ كەمچىل ئىكەن، يېشىل پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى يەككە بولۇش، ھۆكۈمەت ـ بانكا ـ كارخانىلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش راۋان بولماسلىق، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش مەسىلىسىگە تېخىمۇ دۇچ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ تېخىمۇ جەزم قىلدىكى: يېشىل تەرەققىياتتا كارخانىنىڭ ئاڭلىقلىقىغىلا تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ، جەزمەن پۇل مۇئامىلىنى كەسىپنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىدىكى «تۈرتكۈچ»كە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

بۇ يىللاردا، فېڭ يىدۇڭ باشتىن-ئاخىر يېشىل پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، يېشىل پۇل مۇئامىلىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالدىن يولغا قويۇش رايونى قۇرۇلۇشىنى قوللاش، كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش سىياسەت سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «قوش كاربون» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا نۇرغۇن تەكلىپ يېزىپ، پۇل مۇئامىلە بايلىقىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتكەن كارخانىلارغا مايىللىشىشىغا كۈچ قوشتى.

فېڭ يىدۇڭنى خۇشال قىلغىنى شۇكى، تەكلىپ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاكتىپ جاۋاب قايتۇرۇشىغا ئېرىشكەنىدى. بۇ بىرقانچە يىلدا، ئۇ يېشىل زايوم تۈرىنىڭ كۈنسېرى موللىشىۋاتقانلىقىنى، يېشىل مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنىڭ تەدرىجىي ئەلالىشىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ شەندۇڭنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالدىن يولغا قويۇش رايونى قۇرۇلۇشىدا، پۇل مۇئامىلە «ئېقىن سۈيى»بىلەن دەل جايىدا تېمىتىپ سۇغىرىش ئۈنۈمىنىڭ كۈنسېرى نامايان بولۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.

بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، فېڭ يىدۇڭ كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقى سودا بازىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىنى تەييارلىدى. بۇ مەسىلىنى ياخشى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، ئۆتكەن بىر يىلدا، ئۇ ئۆمەك باشلاپ نۇرغۇن ۋىلايەت، شەھەردىكى نۇقتىلىق سانائەت كارخانىلىرى، كاربون سودىسى ئاپپاراتلىرىنى زىيارەت قىلدى؛ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يىغىنىغا قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرى، كارخانىلار، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى؛ دۆلەت باج باش ئىدارىسى ئەڭ يېڭى ئوتتۇرىغا قويغان كاربون سودىسى قوشۇلما قىممەت بېجى سىياسىتىنى تەتقىق قىلدى، يەنە چەت ئەللەرنىڭ كاربون بازىرى قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرىنى كۆرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ قاراتمىلىق تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇخبىر خاتىرىسى

مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش قەدىمى بىلەن كەسىپ تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولۇش

دۇڭيىڭ خىمىيە سانائىتى باغچە رايونىنىڭ ئىلگىرىكى «كۈل رەڭ» ھالەتتىن قەدەم ئېلىپ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشتە دەسلەپكى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكىچە، ئەزا فېڭ يىدۇڭنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش قەدىمىگە باشتىن-ئاخىر كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەمراھ بولدى.

ئۇ كارخانىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، بىرىنچى سەپنىڭ ھەقىقىي ساداسىنى يىغىن مەيدانىغا ئېلىپ كېلىپ، يېشىل پۇل مۇئامىلىنىڭ «ئېقىن سۈيى»نى كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىش تۇپرىقىغا دەل جايىدا تېمىتتى. تۆۋەنگە چۆكۈش، قەلبكە ئائىلە دۆلەتنى پۈكۈش − ئۇنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئەقىدىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە ھېسسىياتىنىڭ جانلىق ئىپادىسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ