
3-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-يىغىنىدا: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىنى 2026-يىل 3-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى. تەكلىپ قىلىنغان ئاساسلىق يىغىن قارالمىلىرى تۆۋەندىكىچە: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىش، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا ئالاقىدار دوكلاتلارنى ئاڭلاش ۋە مۇزاكىرە قىلىش، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15-بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنىڭ لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىش.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ