
يېقىندا، ئىران تاشقى خەۋپسىزلىك خەۋپ-خەتىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئېشىشىغا دۇچ كەلدى، نۇرغۇن دۆلەت ئۆز دۆلىتى پۇقرالىرىغا چېكىنىش تەكلىپى بېرىش ئەسكەرتمىسىنى ئېلان قىلدى. ئىراننىڭ نۆۋەتتىكى خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگونىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، كونسۇلخانىلىرى جۇڭگو پۇقرالىرىغا ئىرانغا ۋاقتىنچە بارماسلىقىنى، شۇ جايدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىغا بىخەتەرلىك مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، تېزدىن چېكىنىشنى ئەسكەرتتى. جۇڭگونىڭ ئىران ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ سودا نۆۋەتچى ئايروپىلانى ياكى قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق يۆتكىلىشىگە زۆرۈر ياردەم بېرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ