
گوۋۇيۈەن دۆلەت خادىملىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى
سۈن جىيۈنى سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرلىقىغا تەيىنلىدى؛ خې بياۋنى دۆلەت رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلىدى؛ سۈي جيەننى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلىدى؛ پېڭ چىڭئېننى گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلىدى؛ ليۇ جىنفېڭنى دۆلەت جۇڭيى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىدى؛ ۋاڭ ۋېيدۇڭنى دۆلەت دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلىدى.
ليۇ جۇڭيىنى گۇڭئەن مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛ ۋاڭ جاۋنى دۆلەت تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇپەتتىشلىك (مەخسۇس ۋەزىپە) ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛ يۈ يەنخۇڭ (ئايال) نى دۆلەت جۇڭيى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛ شۈ جىڭخېنى دۆلەت دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ