ئاتالمىش «بىرلەشمە چارلاش»قا قارىتا، جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى سۆز قىلدى!

2026.02.28 15:47 مەنبە: خەلق تورى

جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ شاڭشياۋسى جەي شىچېن مۇنداق بىلدۈردى: 2-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسى نەنخەي دېڭىزى دېڭىز تەۋەلىكىدە قەرەللىك چارلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. فىلىپپىن رايون سىرتىدىكى دۆلەتلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، ئاتالمىش «بىرلەشمە چارلاش»نى تەشكىللەپ، نەنخەي دېڭىزىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئۇرۇش رايونىدىكى قىسىملار دۆلەتنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز ـ ئوكيان ھوقۇق ـ مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ