
مۇخبىرىمىز ۋۇ يۆخۇي
2 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتلەرنى قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئالاقىدار تارماقلاردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارنى 2025 ـ يىلى گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەلىرىنى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپ خىزمىتىنى بېجىرىشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.
«2025 ـ يىلى گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەسىدىن جەمئىي 8754 پارچە، سىياسىي كېڭەش تەكلىپىدىن 4868 پارچە بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا تەۋسىيە، تەكلىپ ئومۇمىي سانىنىڭ % 95.6 ى، % 97.3 ىنى ئىگىلەپ، ھەممىسى ۋاقتىدا بېجىرىلدى، ۋەكىللەر ۋە ئەزالار بېجىرىش خىزمىتىدىن رازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.» گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، ئاخبارات باياناتچىسى جوۋ جيەنشې مۇنداق تونۇشتۇردى: ھەرقايسى تارماقلار ۋەكىللەر ۋە ئەزالار ئوتتۇرىغا قويغان 4900 پارچىدىن ئارتۇق پىكىر ـ تەكلىپنى قوبۇل قىلدى، 2200 تۈردىن ئارتۇق ئالاقىدار سىياسەت ـ تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئاغرىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى خىزمەت نەتىجىلىرى قولغا كەلتۈرۈلدى.
بېجىرىش جەريانىدا، ھەرقايسى تارماقلار يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ۋەكىللەر قانۇنى ۋە يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن سىياسىي كېڭەش تەكلىپ خىزمىتى نىزامى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇش، ئىز بېسىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق ھالقىلارنىڭ يېڭى تەلىپىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، تەۋسىيە، تەكلىپلەرنى بېجىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.
«پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقى جەمئىي 901 پارچە تەۋسىيە، تەكلىپنى بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ھەممىسى ۋاقتىدا يۇقىرى سۈپەتتە بېجىرىلدى. » پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ پەن شياۋدۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقى بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان تەۋسىيە، تەكلىپلەرنىڭ سانىدا يۇقىرى سەۋىيە ساقلىنىپ، ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ توغرا ۋە ئېنىق كۆز قاراشلىرى پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىدىكى سىياسەت-تەدبىرلەرگە ئايلاندۇرۇلدى.
«يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى جەمئىي 1449 پارچە تەۋسىيە، تەكلىپ بېجىردى، بۇنىڭ ئىچىدە تەۋسىيە 992 پارچە، تەكلىپ 457 پارچە. » يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت باش مال دوختۇرى (ئەمەلدارى)، پىلان-مالىيە مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى تاۋ خۇەييىڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى يېڭى ۋەكىللەر قانۇنى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپ خىزمىتى نىزامىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق پارتىيە گۇرۇپپىلىرى باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتىدىغان، مىنىستىرلىق رەھبەرلىرى ئىش تەقسىملىۋېلىپ مەسئۇل بولىدىغان، بەنگۇڭتىڭ بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرىدىغان، بېجىرگۈچى مەھكىمە، ئىدارىلەر بېجىرىپ ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، دەرىجىگە ئايرىپ مەسئۇل بولىدىغان، يۇقىرى-تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بېجىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.
سودا خىزمىتى دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يەن دۇڭ مۇنداق دېدى: «2025-يىلى سودا مىنىستىرلىقى 1020 تەۋسىيە-تەكلىپنى ۋاقتىدا بېجىرىپ ئاياغلاشتۇردى، بۇ 584 تەۋسىيە ۋە 436 تەكلىپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»
دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، دۆلەت ئۆلچەملەشتۈرۈشنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دېڭ جىيۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 2025 ـ يىلى بازارنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بېجىرىشكە مەسئۇل بولغان تەۋسىيە ـ تەكلىپ جەمئىي 1084 پارچە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەۋسىيەسى 730 پارچە، سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپى 354 پارچە بولدى، ۋەكىللەر ۋە ئەزالار تور بازىرى تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، بىخەتەرلىك خەۋپ ـ خەتىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، سۈپەت تىرىكى ۋە ئۆلچەم يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىش، بازارلاردىكى تەرتىپلىك رىقابەتنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پەن ـ تېخنىكا، پۇل مۇئامىلە چوڭ ئىشىنى ياخشى ئىشلەش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئورۇنلاشتۇرغان مۇھىم ئىسلاھات ۋەزىپىسى. 2025 ـ يىلى، پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقى جۇڭگو خەلق بانكىسى قاتارلىق يەتتە تارماق بىلەن بىرلىكتە «پەن-تېخنىكا، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا كۈچلۈك تىرەك بولۇشقا دائىر بىرقانچە سىياسەت ـ تەدبىر»نى بېسىپ تارقاتتى. «بىز جۇڭگو خەلق بانكىسى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە پەن ـ تېخنىكا تارماقلىرى بىلەن پۇل مۇئامىلە تارماقلىرىنىڭ ماسلىشىشى، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتتۇق» دېدى پەن شياۋدۇڭ. بۇنىڭدىن باشقا، ۋەكىللەر ۋە ئەزالار پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، 2025 ـ يىلى ئالاقىدار تەۋسىيە، تەكلىپتىن 176 نى ئوتتۇرىغا قويدى. پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقى ۋەكىللەر ۋە ئەزالار ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر ـ تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئايلاندۇرۇش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.
ئاشلىق بىخەتەرلىكى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى 2025-يىلى ئۈستىگە ئالغان تەۋسىيە-تەكلىپلەر ئىچىدە 151 پارچىسى ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك. ۋەكىللەر ۋە ئەزالار پەن-تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش، بىرلىك ھوسۇلنى ئاشۇرۇش، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر-تەكلىپ بەردى. «بىز ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك 100 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، بىرلىك ھوسۇل ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە ئاساسلىق ھۇجۇم قىلىمىز. » تاۋ خۇەييىڭ مۇنداق دېدى: 2025-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق ھوسۇلى 1 تىرىليون 429 مىليارد 800 مىليون جىڭغا يەتتى.
سودا مىنىستىرلىقى 2025 ـ يىلى «يېڭىلىق يارىتىشچان، كۆپ مەنبەلىك ئىستېمال مەنزىرىسى، ئىستېمال كۆرۈنۈشى»دىن ئىبارەت بۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىدىغان تەۋسىيەنى باشلامچىلىق بىلەن بېجىردى. يەن دۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: سودا مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تەۋسىيە ـ تەكلىپلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىستېمالنى ئاشۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتتى. ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى % 52 كە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن بەش پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. 2025 ـ يىلى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى تاشقى خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى، نۇرغۇن ۋەكىل، ئەزالار تاشقى سودىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ تەۋسىيە ـ تەكلىپ سۇندى. يەن دۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «سودا مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تەۋسىيە ـ تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە بىرلەشتۈرۈپ، مال سودىسى، مۇلازىمەت سودىسى، رەقەملىك سودىنىڭ يېڭى، ئەلا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى، مال ۋە مۇلازىمەت ساپ ئېكسپورتىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %32.7 كە يەتتى.»
«مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىدىكى بوغۇق نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى قەتئىي تۈگىتىش»، «<ئىچكى خورىتىش شەكلى> دىكى رىقابەتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش» پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما. ۋەكىللەر ۋە ئەزالار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجراسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، سۇپىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. دېڭ جىيۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قوللاش، تۈزۈم، قائىدىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، كۆپ تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئىچكى خورىتىش شەكلى»دىكى رىقابەت قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ