
جۇڭگولۇقلارنىڭ «مېۋە تەخسىسى»دە ئالما ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. جۇڭگو ئالما كەسپى جەمئىيىتى دۆلەتنىڭ ئالما كەسپى تېخنىكا سىستېمىسى بىلەن بىرلىشىپ ئېلان قىلغان «جۇڭگو ئالما كەسپى تەرەققىيات دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، «14-بەش يىل»دىن بۇيان، دۆلىتىمىز پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئالما ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال قىلىش دۆلىتى ئورنىدا مۇقىم تۇرغان. ئالما زاكاز مېلى پۈتۈن دۇنيا بويىچە تۇنجى يېڭى مېۋە زاكاز مال تۈرىگە ئايلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا باھا بېكىتىش سىستېمىسىدىكى سۆز قىلىش ھوقۇقى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن. بۇ «خەلق مېۋىسى» يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ يىللىق ئالما ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 51 مىليون توننىدىن ئاشقان، يىللىق ئىستېمال مىقدارى 47 مىليون توننىدىن ئاشقان. بۇ غايەت زور سانغا تېرىقچىلىق «جۇڭگو ئۆزىكى»نىڭ كۈچلۈك قەد كۆتۈرۈشى تىرەك بولغان. نۆۋەتتە دۆلىتىمىز مۇستەقىل مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە يېڭى ئالما سورتىدىن 158 نى يېتىشتۈردى، يېڭىدىن قۇرۇلغان مېۋىلىك باغلارنىڭ %70ىدە دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان سورتلار تاللىنىپ، زامانىۋى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ئەندىزىسى قوللىنىلغان.
ئالما خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان «ساغلاملىق مېۋىسى»، تېخىمۇ مۇھىمى يېزا-كەنت ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرىدىغان «بېيىش مېۋىسى». شەنشىنىڭ يەنئەن شەھىرىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن: «بۇ ئەڭ ياخشى، ئەڭ مۇۋاپىق كەسىپ، ئىستىقبالى پارلاق» دېدى. گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ تيەنشۇي شەھىرىدە «بۇ خاس كەسىپنى تېخىمۇ زورايتىش كېرەك»، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى ئالما كەسپىگە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.
ئالما كەسپى 20 نەچچە ئۆلكىدە كېڭەيتىپ ئۆستۈرۈلدى،كەسىپكارلار نەچچە ئون مىليونغا يەتتى. يەنئەن ئالمىچىلىق بازىسى ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ تىجارەتلىك كىرىمىنىڭ %61 ى ئالمىدىن كەلگەن بولۇپ، 2 مىليوندىن ئارتۇق باغۋەن «مېۋە»گە تايىنىپ بېيىدى. 2025-يىللىق ئىشلەپچىقىرىش پەسلىدە تيەنشۇي خۇانيۇ ئالمىسىنىڭ «باھاسى ئۆسۈپ، سېتىلىشى راۋان بولۇش» ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى.
كەسىپ تېرمىنالى «رەقەملىك باشقۇرۇش +ماشىنا ئادەمنىڭ ئورنىغا ئالمىشىش»قا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلەتتى، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇپ سېتىش، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ گۈللىنىشى يەنە جۇڭگو ئالمىسىنى تېز سۈرئەتتە پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەندۈردى. 2024-يىلى يېڭى ئالما ئېكسپورت مىقدارى 980 مىڭ 900 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.24 ئاشتى؛ باشقا (قويۇلدۇرۇلغان) ئالما شەربىتىنىڭ ئېكسپورت سوممىسى 5 مىليارد 877 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %89.06 ئاشتى.
رايون ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدىن قارىغاندا، سېرىق توپىلىق ئېگىزلىك ۋە بوخەي دېڭىزى قولتۇقىنى چۆرىدىگەن ئىككى چوڭ ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش رايونىنىڭ ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولدى؛ بازار نۇقتىسىدىن قارىغاندا، سوغۇق زەنجىر ئەشيا ئوبوروتى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە كۆرسىتىشىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو ئالمىسى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى، «شۆلۇڭ» ناملىق قۇتۇپ رايونى ئىلمىي تەكشۈرۈش پاراخوتىغا قاچىلانماقتا، ھەتتا شېنجوۋ ئالەم كېمىسىگە ئەگىشىپ ئالەم بوشلۇقىغا كىرمەكتە. كەلگۈسى بەش يىلدا، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە داڭلىق ماركا يارىتىشنىڭ قوش تۈرتكە بولۇشى ئارقىلىق، بۇ «بېيىش مېۋىسى»نىڭ قىممىتى بارغانسېرى ئۆستۈرۈلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ