
مۇخبىرنىڭ 2-ئاينىڭ 26-كۈنى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «بالىلار پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى» يېقىندا ئېلان قىلىنغان. چارە جەمئىي يەتتە باب 64 ماددا بولۇپ، ئىلگىرىكىدىن 12 ماددا كۆپەيتىلگەن، 43 ماددىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن، بۇنىڭدا بېقىۋېلىش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىش، جەمئىيەت مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش، ئاپپاراتلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق مەزمۇنلارغا چېتىلىدىغان بولۇپ، 2026-يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ