
14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋە 3-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. بۈگۈن (2-ئاينىڭ 27-كۈنى) بېيجىڭنىڭ غەربىي چاڭئەن كوچىسىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى مېيدىيا مەركىزىگە تەسىس قىلىنغان ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئىككى يىغىننى خەۋەر قىلىشقا قاتنىشىدىغان جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇ مۇخبىرلىرىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.
بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىدە نۇرغۇن فۇنكسىيەلىك رايون تەسىس قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاخبارات ئېلان قىلىش زالى ۋە زىيارەت ئۆيى قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولدى، شۇ چاغدا ئىقتىساد، خەلق تۇرمۇشى، دىپلوماتىيە باش تېمىسىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى قاتارلىق بىر قاتار زىيارەت پائالىيەتلىرى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ