
مۇخبىرنىڭ 2-ئاينىڭ 26-كۈنى بازارنى نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، «توردىكى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى تىجارەتچىلىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» 6-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن. بازارنى نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئېلان قىلغان «توردىكى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى تىجارەتچىلىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»گە ئاساسەن، 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ۋەيمەي تور دۇكىنىنىڭ نامى چوقۇم ئەمەلىي تىجارەت دۇكىنىنىڭ ۋىۋىسكا نامى بىلەن بىردەك بولۇشى، باش بەتنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە تىجارەت سالاھىيىتى، ئەمەلىي تىجارەت دۇكىنىنىڭ سۈرىتى، ئەمەلىي تىجارەت ئادرېسى قاتارلىق يادرولۇق ئۇچۇرلارنى داۋاملىق كۆرسىتىشى ياكى ئېنىق ئۇچۇر ئۇلىنىش بەلگىسىنى ئورنىتىشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ