
قايتىدىغان يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ تەدرىجىي پەسىيىشىگە ئەگىشىپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئايروپىلان بېلىتىنىڭ باھا سەۋىيەسى زور دەرىجىدە تەڭشەلدى، نۇرغۇن بېسسىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسىنى چۈشۈرۈش سالمىقى زورىيىپ، نۇرغۇن يولۇچىنى بۇ ۋاقىتتا بېسسىق ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ سەپەرگە چىقىشقا جەلپ قىلدى.
دەم ئېلىشتىن كېيىنكى تۇنجى كۈنى، چۇڭچىڭ جياڭبېي ئايرودۇرۇمىنىڭ ئاۋىياتسىيە بىناسىدا يولۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، بۇنىڭ ئىچىدە بېلەت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن پايدىلىنىپ، بېسسىقنى ئۆتكۈزۈپ سەپەرگە چىقىدىغانلار ئاز ئەمەس.
يولۇچى: باھار بايرىمىدىن بۇرۇن چۇڭچىڭدىن خاربىنغا بارىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنىڭ باھاسى 2000 يۈەن ئەتراپىدا ئىدى، ھازىر سۈرۈشتۈرسەك 1000 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، بېرىپ كېلىشتە 2000 يۈەن تېجەپ قالدۇق.
بېلەت زاكاز قىلىش سۇپىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىشتىن كېيىن، شاڭخەيدىن بېيجىڭ، سەنيا، خاربىن، شىشۇاڭبەننا قاتارلىق جايلارغا ئۇچىدىغان كۆپلىگەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە ئېتىبار باھالىق بېلەتلەر يولغا قويۇلغان بولۇپ، تاق مۇساپىلىك بېلەت باھاسى تۆۋەن بولغاندا 200 يۈەن بولغان. بېيجىڭدىن سەنياغا، گۇاڭجوۋدىن بېيجىڭغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنىڭ باھاسى بىردەك 400 يۈەن ئەتراپىدا بولغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ