
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 2-ئاينىڭ 26-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: ئەگەر ئامېرىكا ئىرانغا ھۇجۇم قىلسا، جۇڭگو رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ئىراننىڭ ئامېرىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇشىنى قوللامدۇ؟
ماۋ نىڭ: بىز ئىران ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىمىز. جۇڭگو تەرەپ مەسىلىنى سىياسىي، دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدى، خەلقئارا مۇناسىۋەتتە قورال كۈچى ئىشلىتىش ياكى تەھدىت سېلىپ قورال كۈچى ئىشلىتىشكە قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئىران ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى بار ، جۇڭگو تەرەپ ئىران ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە يوللۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تىنچلىقنى قەدىرلەپ، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ئىختىلاپلارنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭ ئۈچۈن مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ