
مۇخبىرىمىز يې چۈەنزېڭ
«غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشتا پەقەت <ئاغزاكى ئۆگىتىش، قەلبتىن تەلىم بېرىش> كىلا تايىنىشقا بولمايدۇ، رەقەملەشكەن دەۋردە، تېخىمۇ ئىلغار ئۇسۇل ئارقىلىق قەدىمىي مەدەنىيەتنى جانلاندۇرۇش، داۋاملاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. «2025-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، يۈننەن خۇڭخې ناھىيەسى يۈنى مەدەنىيەت-سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ياڭ يۈنى تاپشۇرغان «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى رەقەملەشتۈرۈپ بايلىق ئامبىرى قۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ» كەڭ دائىرىدە دىققەت قوزغىدى.
غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ساھەسىگە چوڭقۇر چۆككەن ئاز سانلىق مىللەت ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياڭ يۈنى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ئىشلىرى ئۈچۈن سىجىل، ئۈزلۈكسىز پوزىتسىيە بىلدۈردى. ئۇ نۇرغۇن جايلارنى چوڭقۇر زىيارەت قىلىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، ھازىر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشنىڭ كەسكىن خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. مەسىلەن، ۋارىسلار توپىدا ياشانغانلار كۆپىيىش ھادىسىسى گەۋدىلىك؛ ۋارىسلىق قىلىش ئۇسۇلى ئۇستاز ـ شاگىرت، جەمەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئەندىزىلەر بىلەنلا چەكلىنىۋاتىدۇ؛ تارقىلىش دائىرىسى رايون، شەكىل قاتارلىق چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ، ئاممىغا كەڭ دائىرىدە يېقىنلىشىش تەس بولۇۋاتىدۇ. تۈرلۈك مەسىلىلەر قىسمەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرىنى تەدرىجىي چەتلىشىشكە يۈزلەندۈرۈۋاتىدۇ، ھەتتا يوقىلىپ كېتىش خەۋپى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ.
«بىز مەدەنىيەت تومۇرىمىزنى كۆڭۈل قويۇپ قوغدىشىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى ئىلغار ئۇسۇل ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇشىمىز، يېڭىلىشىمىز كېرەك.» ياڭ يۈنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىنكى ئويلىنىشىنى تەكلىپ تەۋسىيەسىگە ئايلاندۇردى. ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى رەقەملەشتۈرۈش بايلىق ئامبىرى قۇرۇپ، تارقاق ھۈنەر-سەنئەت، نوتا قاتارلىق يادرولۇق ماتېرىياللارنى مەڭگۈلۈك ساقلاپ، 3D لىق مودېللاشتۇرۇش، AR تېخنىكىسى ئارقىلىق چوڭقۇر قاتلاملىق نامايان قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئاغزاكى ئۆگىتىش، قەلبتىن ئۆگىتىش»تەك ۋارىسلىق قىلىش چەكلىمىسىنى ھەل قىلىش كېرەك؛ دۆلەت دەرىجىلىك مەخسۇس تۈر مەبلىغى تەسىس قىلىپ، ئالىي مەكتەپ، ۋارىسلىق قىلىش بازىسى، كارخانىلار ھەمكارلىشىپ ئادەم تەربىيەلەشكە تۈرتكە بولۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى رەقەملىك قوللىنىش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ياشلارنى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشقا ئاتلىنىشقا جەلپ قىلىش كېرەك؛ پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى رەقەملىك ئۇنىۋېرسال سۇپىسى بەرپا قىلىپ، كۆرگەزمە قىلىش، ھېس قىلىش، سودىلىشىش ئىقتىدارىنى يۇغۇرۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇپ، ۋارىسلىق قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ياخشى ئايلىنىشى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
2025 ـ يىل 9 ـ ئايدا، ياڭ يۈنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى. جاۋابتا مۇنداق بىلدۈرۈلدى: مەدەنىيەت ـ ساياھەت تارماقلىرى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ساھەسىنى رەقەملەشتۈرۈش تەرەققىيياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كەسىپ سۇپىسى قۇرۇلۇشى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى رەقەملەشتۈرۈپ تارقىتىشقا ئالاقىدار ئۇللۇق، ئالدىن كۆرەر تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، رەقەملەشكەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.
«تەكلىپكە ئەھمىيەت بېرىلدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىدىن ئىبارەت بۇ ئىشنى ياخشى ئىشلەشكە تېخىمۇ ئىشەنچىم ئاشتى.» ياڭ يۈنى مۇنداق بىلدۈردى: «مەن تەكلىپلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى سىجىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى رەقەملەشتۈرۈش بايلىق ئامبىرى قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە پائال قاتنىشىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئوقۇتۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، قىسقا سىن، مىللىيچە كوچا ئۇسسۇلى قاتارلىق ياشلار ياقتۇرىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تارقىتىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى ياشلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇپ، بىخ سۈرگۈزىمەن.»
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ