
مۇخبىرىمىز يىشۇرەن
كۆرۈش، ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرايدىغانلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسىدە سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر ھالقا.
2025-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىي كومىتېتى «كۆرۈش، ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان ئاممىنىڭ كىتاب ئوقۇش ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى سۇنۇپ، كىششىلەرنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى. تەكلىپنى تاماملاشقا قاتناشقان جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي نەشرىيات ۋە تاراتقۇ كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى دۇەن يەنۋېن مۇنداق دېدى: «بىز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، كۇتۇپخانا قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىدا كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلار، ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاجىزلار توپى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن كىتاب ئوقۇش بايلىقىنىڭ بىرقەدەر ئاز ئىكەنلىكىنى، نەشرىيات قانۇنىيىتىنى بىلىدىغان، تېخنىكا بىلىدىغان، مېيىپلەر توپىنى تېخىمۇ چۈشىنىدىغان بىرىكمە ئىختىساسلىقلارنىڭ بىرقەدەر كەمچىل ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق.»
بۇ تەكلىپنى باشلامچىلىق بىلەن بېجىرىشكە مەسئۇل بولغان جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەكلىپكە ئالاقىدار مەسىلە ۋە تەكلىپلەر توغرىسىدا ئالاقىدار تارماقلار بىلەن قايتا-قايتا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىر-بىرلەپ جاۋاب بەردى. جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «توسالغۇسىز كىتاب ئوقۇشنى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىغا سىڭدۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، توسالغۇسىز كىتاب ئوقۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە كىتاب ئوقۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىمىز؛ زور بىرتۈركۈم توسالغۇسىز كىتاب ئوقۇش مۇلازىمىتى كەسپىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنى ۋە پىدائىيلار قوشۇنىنى يېتىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.»
بۇ يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنى «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» يولغا قويۇلۇپ، توسالغۇسىز نەشر بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەشكە قانۇن شەكلىدە ئىلھام بېرىلىپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش بويىچە توسالغۇسىز ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى قوللاشقا ئېرىشتى.
دۇە نيەنۋېن مۇنداق دېدى: «قەغەزدىكى تەكلىپلەرنىڭ تەرەققىياتقا تۈرتكەبولىدىغان كۈچكە ئايلانغانلىقىنى كۆردۇق، بۇ بىزنى داۋاملىق تەرەققىيات ئېھتىياجى، خەلق ئارزۇسى، كەسپىي ئارتۇقچىلىق نۇقتىسىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپلەرنى دەل جايىدا ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.»
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ