گوۋۇيۈەن شيۇڭئەن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ دەرىجىسىنى دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا ئۆستۈرۈشنى تەستىقلىدى ھەم قوشۇلدى

2026.02.14 13:43 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 13-كۈنى، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى، جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گوۋۇيۈەن يېقىندا خېبېي شيۇڭئەن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى قىلىشقا تەستىقىي جاۋاب بېرىپ قوشۇلغان.

تەستىقىي جاۋابتا كۆرسىتىلىشىچە، خېبېي شيۇڭئەن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىنكى پىلاندىكى كۆلىمى 20.84 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، جەمئىي ئىككى رايون بۆلىكى بار ئىكەن.

تەستىقىي جاۋابتا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خېبېي شيۇڭئەن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى «يۇقىرى»لىق ۋە «يېڭى»لىقتىن ئىبارەت ئىككى ئىشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى جەلپ قىلىپ ۋە توپلاپ، مۇھىم پەن-تېخنىكا تۈرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇش، قوللىنىشنى تېزلىتىپ، يېتەكچى كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۈچەيتىپ، يېڭى مۇسابىقە يولىنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىسلاھاتى ۋە ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشى كېرەك، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ۋە دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم مەنبە رايونى، خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك، يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر توپلاشقان رايون قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىغا تىرەك بولۇپ، زامانىۋىلاشقان شەھەر قۇرۇپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

تەستىقىي جاۋابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: خېبېي شيۇڭئەن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى جەزمەن دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى قاتارلىق ئالاقىدار يىرىك پىلانلارنى قاتتىق يولغا قويۇشى ھەم دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىدىكى «بىر خەرىتە»گە كىرگۈزۈپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى، بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە كونكرېت يەر ئىشلىتىشنى تەستىقلىتىش رەسمىيىتىنى ئادا قىلىشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش، تىزگىنلەش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، يىرىك پىلاننىڭ مۇھىتقا بولغان تەسىرىنى باھالاش تۈزۈمىنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىشى كېرەك. تۈر قۇرۇلۇشىغا يەر ئىشلىتىشنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچى ۋە خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەقلىق بېرىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىشچى خىزمەتچىلەر سانى بىلەن ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر سانى تەڭپۇڭ بولۇش تەلىپى بويىچە بەلگىلىك نىسبەتتە كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي سالغاندىن سىرت، سودا خاراكتېرلىك ئۆي-زېمىن تەرەققىياتىنى قاتتىق چەكلەپ، يەر بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىش ئالدىنقى شەرتىدە قۇرۇلۇش قىلىشى كېرەك.

بۇنىڭدىن باشقا، رەھبەرلىك ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شەھەر ۋە تەرەققىيات رايونىنى پىلانلاش، قۇرۇش، ئىدارە قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، بايلىق ۋە سىياسەت كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. تەرەققىيات رايونىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھوقۇق-مەسئۇلىيەت ئېنىق، قېلىپلاشقان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. يۈرۈشۈشنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ئىستاتىستىكىلىق تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يېشىل باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەشكە، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىپ، خاس ئەۋزەللىككە ئىگە بىرىنچى قاتاردىكى پەن-تېخنىكا كەسىپلەر باغچە رايونى بەرپا قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ