
ئۆز مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىنتاۋ
بايرامدىن بۇرۇنقى ھېساباتنى ئېنىقلىغاندا، 2025-يىلى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 40 مىڭ يۈەن كۆپ كىرىم قىلغان ۋاڭ لىپىڭنىڭ كۆڭلى يايراپ «كۈنلەر نېمە دېگەن ياخشى؟» دەپ كەتتى.
ۋاڭ لىپىڭنىڭ يۇرتى گەنسۇ ۋېييۈەن ناھىيەسىنىڭ ۋېيخېيۈەن كەنتى بولۇپ، بۇ يەر خۇاڭخې دەرياسىنىڭ بىرىنچى چوڭ تارماق ئېقىنى بولغان ۋېيخې دەرياسىنىڭ مەنبەسى، شۇنداقلا خېلى نامى بار ساياھەت نۇقتىسى ئىدى. ۋاڭ لىپىڭ دېھقانلار ئارامگاھى ئاچاتتى، دەسلەپتە سودىسى يامان ئەمەس ئىدى، كېيىن بارا-بارا چۆلدەرەپ قالدى. «ئاشخانا ئەخلەتلىرىنى تازىلاش-توشۇش يېتىشەلمىگەنلىكتىن، مۇھىتقا ھەم سودىغا تەسىر يېتەتتى» دېدى ۋاڭ لىپىڭ بۇ توغرىسىدا توختىلىپ.
ئىلگىرى، ۋېييۈەن ناھىيەسىدىكى نۇرغۇن يېزا-كەنتلەرنىڭ ئەخلەت تازىلاش خىزمىتى «ئۈچ ئاز، ئۈچ قىيىن» بولۇشتەك قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنىدى: تازىلىقچى كەمچىل بولغاچقا، تازىلاش تەس ئىدى؛ ئەخلەت ساندۇقى كەمچىل بولغاچقا، يىغىش تەس ئىدى؛ تازىلاش-توشۇش ئاپتوموبىلى كەمچىل بولغاچقا، كەنتتىن چىقىش تەس ئىدى. بۇ قىيىن مەسىلىلەر كەنت قىياپىتىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە بېيىش قەدىمىنى توسۇپ قوياتتى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ: «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىغانلىق — ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىق» دەپ تەكىتلىدى. «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە: «ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش»، «يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى سىجىل تۈزەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاغرىق نۇقتىغا قارىتا، ۋېييۈەن ناھىيەسى يېزا ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا «پۈتۈن ناھىيە دائىرىسىنى قاپلاش، پۈتۈن جەريانلىق باشقۇرۇش-تىزگىنلەش»كە كۈچەپ تۈرتكە بولدى.
ئىلگىرى ھەر قېتىم ساياھەتنىڭ بېسىق مەزگىلى يېتىپ كەلگەندە، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئاشخانا ئەخلەتلىرى توشۇپ كېتەتتى، لېكىن ئەخلەت توشۇش ئاپتوموبىلىنى دائىم سۈيلىسەكمۇ كېلىپ بولالمايتتى. ھازىر ئەھۋال ئوخشىمايدۇ، سۈيلەش ھاجەتسىز، تازىلاپ توشۇش ئاپتوموبىلى دۇكاننىڭ ئالدىغا كېلىپ بولىدۇ.
ۋاڭ لىپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس، بەلكى ئەپچىل ‹چوڭ مېڭە› بار بولغانلىقىدا. دېھقانلار ئارامگاھى ئەتراپىدا ئادەم ئېقىمى كۆپ بولسىلا، تازىلاش-توشۇش ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرىغا ئورۇنلاشتۇرۇش تېلېفونى كېلىدۇ، شوپۇر ۋاقتىدا كېلىپ ئەخلەتلەرنى يىغىپ توشۇيدۇ.»
«چوڭ مېڭە» قەيەردە؟ ۋېييۈەن ناھىيەسىنىڭ يېزا-كەنت ئېكولوگىيەسىنى ئورتاق تۈزەش قوماندانلىق مەركىزىگە كىرسىڭىز، جاۋاب چوڭ ئېكراندا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ: ئەخلەت ساقلاش ھالىتى، ئاپتوموبىلنىڭ يۈرۈش لىنىيەسى، ئەخلەت يىغىش-توشۇش ئەھۋالى قاتارلىقلار ھەر ۋاقىت يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ.
ۋېييۈەن ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى كاڭ جيەنگو مۇنداق دېدى: «بىز ‹ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش + بازارلاشتۇرۇپ تىجارەت قىلىش› ئەندىزىسىنى قوللاندۇق، ناھىيەمىز فۇجوۋ شۆپىن مۇھىت پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى كىرگۈزۈپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئورتاق تۈزەش قوماندانلىق مەركىزى قۇرۇپ، دەرىجىگە ئايرىپ، دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 218 مەمۇرىي كەنت، 1583 تەبىئىي كەنتكە 26 مىڭ 800 ئەخلەت ساندۇقى، تۈرلۈك ئەخلەت توشۇش ئاپتوموبىلىدىن 165نى سەپلىدۇق.»
ۋېييۈەن شۆپىن مۇھىت پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ يۈرۈشتۈرۈش-ئاسراش مەسئۇلى لەن پېيچىڭ مۇنداق دېدى: «ھەربىر تازىلاش-توشۇش ئاپتوموبىلىغا بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان. سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئادەم ئېقىمىنىڭ مىقدارىغا ئاساسەن ئەخلەت ساندۇقىنى ئىلمىي قويغىلى ھەم يىغىش-توشۇش لىنىيەسىنى ھەرىكەتچان ئەلالاشتۇرۇپ، تازىلاش-توشۇش ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت ئىز قوغلاپ تەكشۈرگىلى بولىدۇ، بۇ دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك.»
ۋاڭ لىپىڭ دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ دېرىزىلىرىنى پاكىز سۈرتۈپ پارقىرىتىپ مۇنداق دېدى: «غىزالىنىش مۇھىتى خېلى ياخشىلاندى، سودام يەنە جانلىنىپ كەتتى.»
ۋېيخېيۈەن كەنتى ۋېيخېيۈەن مەنزىرە رايونىغا يېقىن بولۇپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ياخشىلانغاندىن كېيىن، مەنزىرە رايونىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىت تېخىمۇ يېقىشلىق بولۇپ كەتتى. «جەزبىدارلىقى» ئېشىپ، «مەھسۇلات قىممىتى»مۇ ئاشتى. 2025-يىلى، مەنزىرە رايونى جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 300 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %217 ئاشتى.
ۋېييۈەن ناھىيەسى يەنە داشقال بىر تەرەپ قىلىش كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈپ، ئەخلەت يىغىش، يۆتكەش-توشۇش، بىر تەرەپ قىلىش، پايدىلىنىشنى يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
ۋېييۈەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لېي لىشىن مۇنداق دېدى: «پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹15-بەش يىل›نىڭ باشلىنىش يىلىدا، بىز يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى سىجىل تۈزەپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، دائىرىلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇپ يىغىش-توشۇش، رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق كۈچ قوشۇش، تۈزۈملەشتۈرۈپ كاپالەتلەندۈرۈشنى يولغا قويۇپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا-كەنتلەرنى ياخشى قۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى يەنىمۇ جەزبىدارلاشتۇرىمىز، شۇنداقلا مەھسۇلات قىممىتىنى ئاشۇرىمىز.»
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ