
ئۆز مۇخبىرىمىز فاڭ يۈەن
خېيلۇڭجياڭ جامۇس شەھەرلىك 6-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يېڭىدىن سۇ سېپىپ توڭلىتىلغان مۇز مەيدانىدا، بىر توپ بالىلار كالتەك ئوينىتىپ ئۇچقاندەك تېيىلىۋاتاتتى. مەيدان يېنىدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى جامۇس شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى جاۋ كۇنيۈ پۈتۈن دىققىتى بىلەن كۆرۈۋاتاتتى. ئۇ قانداق قىلغاندا قار-مۇز تەنھەرىكىتى ئۇرۇقىنى ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقۇزغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىۋاتاتتى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، جاۋ كۇنيۈ جامۇس مۇز توپ تەنھەرىكىتىدىكى قىيىن مەسىلىنى بايقىدى: بالىلارنىڭ سىرتقا چىقىپ مەشىق قىلىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولسىمۇ، شۇ جايدىكى مۇز تېيىلىش مەيدانى ئۇزاق مۇددەت توختاپ قالغان، كەسپىي تىرېنېرلار مەكتەپكە كىرەلمىگەنىدى.
جاۋ كۇنيۈ مەكتەپ قورۇسىدا ئۆزى مۇز تېيىلىش مەيدانى قۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەت ھەمتۈرتكە بولىدىغان ئىجادىيەت كۈچى ئۇنى تەسىرلەندۈردى: جامۇس 6-باشلانغۇچ مەكتىپىدە كەسپىي ئۈسكۈنىلەر يوق ئىدى، تىرېنېرلار، ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار بىرلىكتە قول سېلىپ ئىشلەپ، ئۆزلىرى ياسىغان سايمانلار بىلەن بىر نەچچە كۈن ئىچىدە مۇز تېيىلىش مەيدانى قۇردى. يەنە ئاتا-ئانىلار مەيدان يېنىدا سىنغا ئېلىپ، تاكتىكىنى تەھلىل قىلىپ، «مەيدان سىرتىدىكى ياردەمچى ئوقۇتقۇچى»غا ئايلاندى. بۇ بىرىكمە كۈچ ئۈنۈم ھاسىل قىلدى: شەھەر رايونىدىكى نۇرغۇن باشلانغۇچ مەكتەپتە مۇز تېيىلىش مەيدانى قۇرۇلدى، شەھەر دەرىجىلىك مۇز توپ تەكلىپلىك مۇسابىقىسىدە، ئۆزلىرى ياسىغان مۇز مەيدانىدىن چىققان بۇ كوماندا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى.
جاۋ كۇنيۈ كەسپىي خادىملار كەسپىي ئىشلارنى قىلىشى كېرەك، دەپ قارىدى. ئۇنىڭ تەكلىپى ناھايىتى كونكرېت بولدى: قار-مۇز تەنتەربىيەسى بويىچە ئەنئەنىۋى مەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەربىيەلەش زەنجىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، «ئۆرلەپ ئوقۇش ئۈزۈلۈپ قېلىش» تەشۋىشىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى بەردى؛ سىياسەت تۈزۈپ، كەسىپتىن چېكىنگەن تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مەكتەپ تىرېنېرىلىق ئىش ئورنىغا كىرىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، «كەسپىي خادىملار»نى «كەسپىي ئىش ئورنى»غا ئىگە قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ نۇرغۇن تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى جىپسىلاشتۇرۇپ، مەكتەپ كوماندىسىنى تەشكىللەپ قۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.
2025-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، جاۋ كۇنيۈنىڭ تەكلىپىدە دىققەت قار-مۇز تەنھەرىكىتى تەرەققىياتىدىكى «مەيدان ئاز، بېلەت باھاسى قىممەت، ئوقۇتقۇچى كەمچىل، كەسىپ ئاجىز» بولۇش قاتارلىق بوغما ھالەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلدى. دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ جاۋابى ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان يۆنىلىش بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە ماس كەلدى، مەبلەغ يېتەكچىلىكى، كەسىپتىن چېكىنگەن تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ چىقىش يولىنى كېڭەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. «سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى جەزمەن ئاساسىي قاتلامنىڭ ساداسىنى ئاقىلانە تەكلىپكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك» دېدى جاۋ كۇنيۈ.
كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، ئۇنىڭ پىلانى كونكرېت ھەم ئېنىق ئىدى: بىر «كىچىك ئىش» بولسا، كۈچلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، جامۇس 6-باشلانغۇچ مەكتىپى قاتارلىق ئەنئەنىۋى مەكتەپلەرنىڭ مۇز تېيىلىش مەيدانلىرىغا بوراندىن مۇداپىئەلىنىش لاپىسى ئورنىتىش، كەسپىي ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەپ بېرىش؛ بىر «چوڭ ئىش» بولسا، پۈتۈن ئوقۇش باسقۇچىنى قاپلىغان «خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر مۇز توپ بىرلەشمە مۇسابىقىسى» سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇنى ئۆرلەپ ئوقۇش سىياسىتى، ئىختىساسلىقلار ئامبىرى قۇرۇلۇشى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇپ، قار-مۇز ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىنى ئېچىش.
مۇخبىر خاتىرىسى
ئىجادچانلىق بىلەن ھەرىكەت كۈچىنى تۇتاشتۇرۇش
ئەزا جاۋ كۇنيۈ مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، رېئال توسۇقلارنى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇردى. ئۇ دىققەتنى «تىرېنېر كەمچىل بولۇش»، «مەيدان ئاز بولۇش» قاتارلىق كونكرېت قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدىكى تەكلىپلەر ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىجادچانلىقى بىلەن تارماقلارنىڭ ھەرىكەت كۈچىنى زىچ باغلىدى.
يۇرت مۇھەببىتى بىلەن سىستېما تەپەككۇرىنى تەڭ ھازىرلىغان بۇ ئەمەلىي مەسئۇلىيەتچانلىق قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا تۆھپە قوشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ