
ئۆز مۇخبىرىمىز لى جيادىڭ
ئىستون سۆزى
2026-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن پات ئارىدا ئېچىلىدۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، راست گەپ قىلىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى سۆزلەپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى نامايان قىلدى. گېزىتىمىز بۈگۈندىن باشلاپ «ئەمەلىي ئىشلەپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلىش، بىر نىيەتتە يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىش. ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ھېكايىسى» مەخسۇس ئىستونى ئېچىپ، ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتى ۋە تەپەككۇرى، تەسىراتىنى بايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىدۇ
ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرگەندە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، تيەنجىن پولات تۇرۇبا ياساش چەكلىك شىركىتى تۇرۇبا پىششىقلاش ئىشلىرى بۆلۈمى يۈەنتۇڭ شۆبە زاۋۇتىنىڭ مۇدىر ئىنژېنېرى لى گاڭ بىرنەچچە ياش تېخنىك بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ قىزغىن مۇزاكىرە قىلىۋېتىپ: «لى گۇڭ، ھېسابلاش ئۇسۇلىنى پەرقلەندۈرىدىغان چەك قىممىتىنىڭ بۇ ئارىلىقتا بېكىتىلىشى مۇۋاپىقمۇ-ئەمەسمۇ؟» دەپ سورىدى.
بۇلتۇر، لى گاڭنىڭ تۈرتكىسىدە، كارخانا «كۆرۈپ پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ئاساسىدىكى پولات تۇرۇبا يۈزىنىڭ سۈپىتىنى ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش-ئۆلچەش سىستېمىسى»نى بازارغا سېلىپ، يۇقىرى سۈرئەتتە سۈرەتكە ئېلىش ۋە ھېسابلاش ئۇسۇلى بويىچە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئەنئەنىۋى ئادەم كۈچى ئارقىلىق تەكشۈرۈشنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ھەم سۈپەت تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى، ھەم ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلدى. «بۇ پولات تۇرۇبىنىڭ ‹سۈپىتىنى تەكشۈرۈش›كە ‹ئۆتكۈر كۆز› سەپلىگەنگە باراۋەر» دېدى لى گاڭ.
لى گاڭنىڭ دىققەت نۇقتىسى باشتىن-ئاخىر ئەمەلىي بولدى: «نىشان ئەڭ ئىلغار تېخنىكىنى قوغلىشىش ئەمەس، بەلكى ئەڭ مۇۋاپىق لايىھەنى تېپىپ چىقىپ، بىرىنچى سەپتىكى مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، مەھسۇلات سۈپىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش.»
بىرىنچى سەپتىكى ئىشچىلارنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لى گاڭ ئۇزاقتىن بۇيان كەسىپ ئىشچىلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. كۈندىلىك خىزمەتلەردە، ئۇ ئۈسكۈنىلەرنى باشقۇرۇش، رېمونت قىلىش ۋە ئاقىللاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشكە مەسئۇل بولدى، شۇنداقلا «ماھارەت ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالدى. ئۇ ئاقىللاشقان تىپ ئۆزگەرتىشكە قارىتا، نۇرغۇن ئىشدىشىنىڭ ھەم ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشتەك تەخىرسىز ئارزۇسى بارلىقى، ھەم تېخنىكا ئورنىنى ئېلىشقا قارىتا ئازراق تەشۋىشلىنىدىغانلىقىغا دىققەت قىلدى.
«‹ماھارەت كۆپ بولسا ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ›، ‹يېڭى دەۋردىكى كەسىپ ئىشچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، چوقۇم ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك›» دېگەن بۇ سۆزلەرنى لى گاڭ دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيتتى. ئۇ مۇنداق قارىدى: ياسىمىچىلىق ئاقىللىشىپ دەرىجىسى ئۆسۈۋاتقان دەۋردە، تەكرارلىنىشچانلىقى، خەتىرى يۇقىرى بىر قىسىم ئىش ئورۇنلىرىنىڭ ئورنىنى تەدرىجىي ماشىنا ئالدى، لېكىن ئادەم ھۆكۈم قىلىدىغان، ماشىنىنى كونترول قىلىدىغان بىر قىسىم ئىش ئورۇنلىرىمۇ بارلىققا كەلمەكتە.
ئىشداشلارنىڭ ئويلىغانلىرى، ئۈمىدىگە قارىتا، لى گاڭ قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىپ، كەڭ كەسىپ ئىشچىلىرىنىڭ دەۋر ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىشى، ماھارەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى ۋە كەسپىي ھاياتىنى مۇقىم ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم بېرىشنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. «كارخانا ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر تەقدىرى ئورتاق گەۋدىدۇر. ئىشچىلارنىڭ ماھارىتى كۈچلۈك بولسا، كارخانا رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولىدۇ؛ ئىشچى-خىزمەتچىلەر تەرەققىي قىلسا، كارخانىنىڭ كەلگۈسى بولىدۇ» دەيتتى لى گاڭ، بۇ يىل 3-ئايدا، ئۇ ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىق كەسپىگە داۋاملىق تەكلىپ بېرىپ، بىرىنچى سەپتىكى كەسىپ ئىشچىلىرى ئۈچۈن ئەقىل-تەدبىر كۆرسىتىپ، تىرىشىپ زاۋۇت سېخلىرىدىن كەلگەن تېخىمۇ كۆپ «ياخشى سادا»لارنى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەيدانىغا ئېلىپ كېلىدۇ.
مۇخبىر خاتىرىسى
مىكرو يېڭىلىق يارىتىش، مىكرو ئۆزگەرتىش ئاقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش
ياسىمىچىلىقنى ئاقىللاشتۇرۇپ تىپ ئۆزگەرتىش دولقۇنى ئالدىدا، ۋەكىل لى گاڭ قۇرۇق ئۇقۇم توغرىسىدا گەپ ساتماستىن، بەلكى بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىشنى مىكرو يېڭىلىق يارىتىش، مىكرو ئۆزگەرتىشتىن باشلاپ، كارخانىلارنىڭ «مەسىلە ھەل قىلىش»ى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق لايىھە ئىزدىدى.
لى گاڭ مۇنداق دېدى: «سىياسەت تىلىنى سېخ كوللېكتىپى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان بۇيرۇققا ئايلاندۇرۇپ، ئىشداشلارنىڭ ئارزۇسىنى پۇختا تەكلىپكە ئايلاندۇرىمىز.» كۆڭۈلنى توختىتىپ، چوڭقۇر چۆكۈپ، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشقا ماھىر بولۇپ، پىكىر يۈرگۈزەلىگەندىلا، زاۋۇت سېخىدىن كەلگەن تەكلىپلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگىلى، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ