شى جىنپىڭ ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى لى خۇەيجۇڭ بىلەن كۆرۈشتى

2026.02.06 14:19 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر فېڭ شىنرەن) 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى سۇ لىننىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى سۈپىتىدە مەخسۇس زىيارەتكە كەلگەن ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى لى خۇەيجۇڭ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو پارتىيەسى بىلەن ۋيېتنام پارتىيەسى بىر - بىرىنىڭ مۇھىم سىياسىي قارالمىلىرىنى ئۆزئارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشتەك ئېسىل ئەنئەنىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ۋيېتنامنىڭ «يولداش ھەم قېرىنداش»لارچە ئالاھىدە دوستلۇق رىشتى ۋە سىياسىي جەھەتتىكى يۈكسەك ئۆزئارا ئىشىنىشىنى نامايان قىلدى. يېقىندا، مەن باش شۇجى سۇ لىن بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو - ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. ئىشىنىمەنكى، يولداش سۇ لىن باشچىلىقىدىكى ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ۋيېتنام پارتىيەسى، دۆلىتى، خەلقى چوقۇم ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى غەلىبىلىك تاماملىيالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - ۋيېتنام ئىككى دۆلەت سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشقا دائىر تۈرلۈك ئىشلارنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۇنياغا سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ جۇشقۇنلۇقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - ۋيېتنام مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ۋيېتنام تەرەپ بىلەن بىرلىكتە سوتسىيالىزمنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «16 خەتلىك» فاڭجېن ۋە «تۆتتە ياخشى» روھىغا ئەمەل قىلىپ، «ئالتە تېخىمۇ» ئومۇمىي نىشانى بويىچە يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئۈزلۈكسىز ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر ئالاقىسى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ ۋە تىزگىنلەپ، جۇڭگو - ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

لى خۇەيجۇڭ ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى سۇ لىننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا يوللىغان رەھمەت خېتى ۋە ئاغزاكى ئۇچۇرىنى يەتكۈزدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ كۆرۈشكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14 - قۇرۇلتىيى ۋيېتنامنىڭ مىللەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى باشلىدى، ۋيېتنام تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى تاشقى سىياسەتتە باشتىن - ئاخىر بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىن تاللاش قىلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن يېڭى تەرەققىيات مۇساپىسىدە قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى يېتەكچى قىلىپ، سىياسىي ئاساس، ماددىي ئاساس ۋە خەلق رايى ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ۋيېتنام - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈشىگە، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ