
مۇخبىرنىڭ 2-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېچىلغان 2026-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى بىردەك ئۆستۈرۈلىدىكەن، بۇمۇ باش باھاردىن بۇيانقى تۇنجى خۇش خەۋەر ئىكەن.
بۇ يىل، شىنجاڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش» توغرىسىدىكى مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش بىلەن ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مۇھىم تىرەك، مائاش، كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مۇھىم ۋاسىتە قىلىپ، ئىسلاھات پىكىر يولى، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرىدىكەن.
شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، شارائىتى يار بېرىدىغان كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرغانلارغا تولۇقلىما بېرىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تەمىناتى سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ