5100 مېتىرلىق قارلىق چوققىدا دۆلەت دەرۋازىسىنى قوغداش (باھار بايرىمىدا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش)

2026.02.06 14:21 مەنبە: خەلق تورى

ئۆز مۇخبىرىمىز خې يۇڭ، ئارداق

زىمىستان قىش، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5100 مېتىر كېلىدىغان قونجىراپ پورتى.

سەھەردە، دۇنيادىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز جايدىكى دۆلەت دەرۋازىسى ئاستا-ئاستا ئېچىلدى. تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 25 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشكەن بولۇپ، ئوكسىگېن مىقدارى تۈزلەڭلىكتىكىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيتتى.

ئۈرۈمچى تاموژنىسىغا قاراشلىق قونجىراپ تاموژنىسىنىڭ تاموژنا خادىمى جۇ يەن سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان قاتتىق بورانغا قارىماي، ئاستا-ئاستا يېقىنلاپ كېلىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىغا قاراپ مېڭىۋېتىپ مۇندق دېدى: «بۈگۈنكى 47-ئاپتوموبىل، تالونلارنى سېلىشتۇرۇشتا خاتالىق كۆرۈلمىدى، ماڭسۇن!»

باھار بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى بۇ بىردىنبىر قۇرۇقلۇق يولى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىراش ۋاقىتقا قەدەم قويدى.

قونجىراپ پورتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە جايلاشقان. «بۈگۈنكى كۈندە قاتنايدىغان ئاپتوموبىللار كۆپەيدى، ھەربىر ھالقىنىڭ ھەممىسى بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك» دېدى جۇ يەن. قەھرىتان سوغۇقتا ئۇنىڭ قوللىرى توڭلاپ قىزىرىپ كەتكەنىدى.

يىل بويى جۇڭگو-پاكىستان ئارىلىقىدا قاتنايدىغان يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرى چىن خېيەن ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى قونجىراپقا بىر قېتىم بېرىش ئۈچۈن، تاموژنىدىن ئۆتۈشكىلا بىر-ئىككى كۈن كېتەتتى، قىشتا كابىنكىدا قونۇپ، ئىككى يوتقانغا ئورىنىۋالساقمۇ توڭلاپ تىترەپ كېتەتتۇق. ھازىر ئوخشىمايدۇ، قەشقەردىن يۈك قاچىلاپ يولغا چىقىپ، قونجىراپقا بېرىپ چېگرادىن چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغۇچە، پۈتۈن مۇساپىگە ئالتە سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، ۋاقىتنى، زېھىننى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.»

چىن خېيەن دېگەن بۇ ئۆزگىرىش ئۈرۈمچى تاموژنىسى يولغا قويغان «تاشيول پورتى + تەۋەلىكتە بىۋاسىتە ئۆتۈش»نى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئەندىزىسىدىن كەلگەن.

قونجىراپ پورتى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز، كىلىماتى ناچار بولۇپ، ئىلگىرى جۇغراپىيەلىك شارائىت، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تەرتىپى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىلنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاچقا، چېگرا ھالقىغان ئاپتوموبىللارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ھالقىسى مۇرەككەپ، ۋاقتى ئۇزاق ئىدى. قونجىراپ تاموژنىسىنىڭ تاموژنا باشلىقى لى جو مۇنداق تونۇشتۇردى: «بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بىز تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپى ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ھالقىلىرىنى رەتلەپ بىرىكتۈرۈپ، ئەسلىدىكى 16 تۈرلۈك مۇرەككەپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپىنى يەتتە تۈرگە ئازايتىپ، زۆرۈر بولمىغان تەكشۈرۈش ھالقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردۇق. ‹ئالدىن مەلۇم قىلىش، مال كەلگەندە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش›، ‹ئەقلىي ئىقتىدارلىق چېرتيوژ تەكشۈرۈش، ۋەزىيەتكە قاراپ تەكشۈرۈش›نى يولغا قويۇش ئارقىلىق، تەرتىپنى ‹ئىخچاملاش›، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى».

قونجىراپ پورتىدىكى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش نەق مەيدانىدا، مۇخبىر H986 چوڭ تىپتىكى يۈك ساندۇقىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ خۇددى بىر جۈپ «ئاقىل كۆز»گە ئوخشاش تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش يولىنىڭ يېنىدا مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. يۈك ئاپتوموبىللىرى توختىمىسىمۇ بولىدىغان بولۇپ، ئاستا ئۆتۈپ كەتسىلا ھەر تەرەپلىمە سىكاننېرلاش تاماملىنىدۇ، سىستېما مال ئۇچۇرىنى ئاپتوماتىك پەرقلەندۈرۈپ، مەلۇمات تالونى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ، پۈتۈن مۇساپىگە پەقەت 30 سېكۇنت كېتىدۇ.

جۇ يەن مۇنداق تونۇشتۇردى: «بۇ سىستېما ماللارنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈپلا قالماي، تەكشۈرۈش ۋاقتىنىمۇ تېجەپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. ئىلگىرى ئادەم كۈچى ئارقىلىق بىر يۈك ئاپتوموبىلىنى تەكشۈرۈشكە ئاز دېگەندىمۇ 40 مىنۇت كېتەتتى، مۇرەككەپ ماللارغا يولۇققاندا، ۋاقىت تېخىمۇ ئۇزىراپ كېتەتتى، بۈگۈنكى كۈندە ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېمىنىڭ قوللىشى بىلەن، تەكشۈرۈش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستى».

ئۈنۈمنىڭ ئېشىشى ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنىڭ كۈچىشىدە تېخىمۇ گەۋدىلەندى.

قونجىراپ تاموژنىسى قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، «باجدىن خالىي رايوندا مال تەييارلاش، پورتتا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسىنى يولغا قويدى، كارخانىلار مالنى مۇددەتتىن بۇرۇن قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا توشۇپ، مەلۇم قىلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالدىنقى مەزگىللىك رەسمىيەتلەرنى تاماملايدۇ. مال يولغا چىققاندىن كېيىن، قونجىراپ پورتىدا چېگرادىن چىقىشنى تەكشۈرۈپ ھېساباتتىن ئۆچۈرۈشنى تاماملىسىلا، تاموژنىدىن تېز ئۆتەلەيدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، تاموژنا يەنە ئېلېكتىرونلۇق مەلۇم قىلىش، توردا تەكشۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويدى، شوپۇرلار نەق مەيداندا قەغەز تالون تاپشۇرمىسىمۇ، يان تېلېفون قوللىنىشچان پىروگراممىسى ئارقىلىق مەلۇم قىلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى تاماملىيالايدۇ.

گۇگۇم چۈشۈشكە باشلىدى، شۇ كۈنى چېگرادىن چىقىدىغان ئەڭ ئاخىرقى يۈك ئاپتوموبىلى دۆلەت دەرۋازىسىدىن ئاستا-ئاستا چىقتى. جۇ يەن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى سانلىق مەلۇماتلارنى رەتلەپ، بىر كۈنلۈك خىزمەتلەرگە قايتا قاراپ چىقىپ، ئىككىنچى كۈنىدىكى لايىھەگە تەييارلىق قىلدى.

كۆزىتىش-تىزگىنلەش ئېكرانىدا، جۇڭگو-پاكىستان دوستلۇق يولى خۇددى يىپەك لېنتىغا ئوخشاش قاراقۇرۇمدىكى تاغ چوققىلىرى ئارىسىدا ئەگرى-بۈگرى سوزۇلغانىدى.

دۆلەت دەرۋازىسىدىكى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق قارلىق تاغ ئارىسىدا جەۋلان قىلىپ تۇراتتى. جۇ يەن دېرىزە سىرتىغا قاراپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل مەن بۇ يەردە 4-قېتىملىق باھار بايرىمىنى ئۆتكۈزىمەن، گەرچە ئۆيگە قايتىپ ئائىلەمدىكىلەر بىلەن جەم بولالمىغان بولساممۇ، بۇ ‹كۆككە تاقاشقان يول›نى ياخشى قوغداپ، تېخىمۇ كۆپ ماددىي ئەشيا، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ بېرىش-كېلىشىنى راۋانلاشتۇرىمەن، بۇنداق چىڭ تۇرۇشۇم ئەرزىيدۇ.»

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ