
يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇملۇقى ۋە سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك. بۇ يىل «15-بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم.
2-ئاينىڭ 3-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئاشكارا ئېلان قىلدى. بۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئۇدا تارقىتىلغان «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مەركەزنىڭ 14-نومۇرلۇق ھۆججىتى، شۇنداقلا «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ باشلىنىش پەيتىدە ئېلان قىلىنغان مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتى بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىپ، بۇ يىللىق «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار)» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ھەرىكەت كۆرسەتمىسىگە ئىگە قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى ئەڭ مۇھىم ئىش سۈپىتىدە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تىرىشىپ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋى چوڭ كەسىپكە ئايلاندۇرۇشى، يېزىلارنى ئاساسىي جەھەتتىن زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىشى، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ باياشات، گۈزەل قىلىشى كېرەك.
«يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، ئومۇملۇق تەشەببۇسكار ھالەتكە ئۆتتى. 2025-يىلى، دۆلىتىمىز ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، مەھسۇلات مىقدارىدا يەنە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى يارىتىپ، ھوسۇلنى 1 تىرىليون 429 مىليارد 800 مىليون جىڭغا يەتكۈزۈپ، ئۇدا ئىككى يىل 1 تىرىليون 400 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى سەۋىيەدە مۇقىملاشتۇردى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلىدى؛ «مىڭ-تۈمەن قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇختىلاپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 24 مىڭ 456 يۈەنگە يەتكۈزدى. «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي تىرەككە ئىگە قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈردى. «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئومۇملۇقنى قەلبكە پۈكۈپ، ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە ياراتقاندىلا، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوقۇم تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىشلى بولىدۇ.
دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاشتىن قارىغاندا، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئاساسىنى ياخشى ساقلاش ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەت ئېچىشتىكى «ئېغىرتقۇ». نۆۋەتتە، خەلقئارا مۇھىت مۇرەككەپ ۋە كەسكىن بولۇۋاتىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كېلىۋاتقان ئېنىقسىز، مۆلچەرلەش تەس ئامىللار كۆپىيىۋاتىدۇ. خەۋپ-خەتەر، خىرىسقا قانچە تاقابىل تۇرغانسېرى، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ ئاساسىنى شۇنچە پۇختىلاپ، دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئېنىقلىقى ئارقىلىق تاشقى مۇھىتنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ مۇقىم تەرەققىياتى ئارقىلىق تۈرلۈك مۇقىمسىز ئامىللارغا تاقابىل تۇرۇش كېرەك. مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە ئاشلىق، ياغ ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۈنۈم-ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى» ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي تۈردە پۇختا زىممىگە ئېلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بىرلىكتە تاماق قاچىسىنى تېخىمۇ مەھكەم تۇتۇش كېرەك.
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇملۇقىدىن قارىغاندا، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بولمىسا، پۈتكۈل دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىشىمۇ بولمايدۇ؛ زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىشتە، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار ئىستىقباللىق بىپايان زېمىن. دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر ـ يېزا تەرەققىياتىنىڭ تەكشى بولماسلىقى، يېزا تەرەققىياتىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى يەنىلا جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. جەزمەن يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش باش نىشانىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، يېزا-كەنت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى، يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى سەۋىيەسى، يېزا-كەنت ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇ يىل دائىملىق ياردەم بېرىش-يۆلەش باشلانغان تۇنجى يىل، دائىملىق ياردەم بېرىش-يۆلەشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇپ، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ئېچىش شەكلىدىكى ياردەم بېرىش-يۆلەش ئارقىلىق ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
بېكىتكەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇش مۇھىم. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، خىزمەت ئىقتىدارى ۋە سىياسەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇنىيەت بويىچە ئىش كۆرۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىجادىي تۇتۇپ، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى تۇتۇپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
يول ئۇزاق، ۋەزىپە ئېغىر. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، نىشان-ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئىشنى پۇختا قىلساقلا، بىز چوقۇم «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» تەرەققىياتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، كەڭ دېھقانلارنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ ياخشى ھەمبەھرىلەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىنى قەدەممۇقەدەم رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ