خۇبېي ئۆلكىسى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى مەسىلىسىنى تەكشۈردى

2026.02.05 15:49 مەنبە: خەلق تورى

تاراتقۇلار ئىنكاس قىلغان بەزى روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىلىرىنىڭ «بىمارلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قوبۇل قىلىپ داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا چېتىلىش» قاتارلىق مەسىلىلىرىگە قارىتا، خۇبېي ئۆلكىسى بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، شياڭياڭ شەھىرى، يىچاڭ شەھىرىگە بېرىپ چوڭقۇر تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى.

بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى، ئۆلكىلىك گۇڭئەن نازارىتى، ئۆلكىلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلاردىن تەركىب تاپقان. تاراتقۇلار ۋە ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان ھامان، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئالاقىدار خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ. تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ